Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 21:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 داۋۇت: _ پادىشاھ ماڭا بىر ئىشنى بۇيرۇپ: «مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىشنى ھېچكىم بىلمىسۇن» دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئادەملىرىمگە مەلۇم جايدا ساقلاپ تۇرۇڭلار دەپ تاپىلاپ قويۇپ كەلدىم.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 21:2
13 Iomraidhean Croise  

_ ئوغلۇم، نېمانچە تېز ئوۋلاپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق. _ پەرۋەردىگارىڭىز بولغان خۇدا تەلىيىمنى ئوڭ قىلىپ، ماڭا ياردەم قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ.


يەنە بىر قېتىم: _ سەن راست ئەساۋمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ.


ياشانغان پەيغەمبەر: _ مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەرمەن. بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ماڭا: «سەن يەھۇدىيەدىن كەلگەن ھېلىقى پەيغەمبەرنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ قايت، بىر نەرسە يېسۇن، سۇ ئىچسۇن» دېگەنىدى، _ دېدى. لېكىن ئۇ يالغان سۆزلىگەنىدى.


ئاناتوت، نوب، ئانانيا،


ھىيلە-مىكىر يولىدىن نېرى قىل مېنى، ئىلتىپات ئەيلەپ ئۆگەت ماڭا تەلىملىرىڭنى.


پەرۋەردىگار، بىر كۆزەتچى تۇرغۇزغىن ئاغزىمغا، پوستا تۇرسۇن ئۇ لەۋلىرىم دەرۋازىسى ئالدىدا.


بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.


ياقۇپنىڭ قېشىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن بۇرۇن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم ھەمداستىخان بولۇپ تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئادەملەر كەلگەندىن كېيىن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولمايدىغان بولدى. چۈنكى، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنىشى كېرەك، دەپ ئويلايدىغان بۇ يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورققانىدى.


شۇنداقلا، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. چۈنكى، سىلەر كونا تەبىئىتىڭلارنى بۇرۇنقى قىلمىشىڭلار بىلەن بىللە چۆرۈپ تاشلاپ،


شۇنىڭ بىلەن سائۇل مىكالغا: _ سەن نېمىشقا مېنى ئالداپ، دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ _ دېدى. مىكال: _ ئۇ ماڭا: «قېچىشىمغا ياردەم قىل، بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.


يېگۈدەك نېمىڭىز بار؟ بەش نان ياكى باشقا يېگۈدەك نەرسىڭىز بولسا بېرىڭ، _ دېدى.


داۋۇت ئەبىياتارغا: _ ئۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگنىڭ نوپ شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سائۇلغا چوقۇم خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. ئاتا جەمەتىڭدىكى ھەربىر جاننىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم.


شۇ چاغدا ئەمەلدارلار ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ سائۇلغا: _ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan