1 ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى، رۇسلىدىڭ قەددىمنى. دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم، يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى.
يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر يىھوشافاتنىڭ رەھبەرلىكىدە تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغانىدى.
ماتتانيا _ ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادى. ئۇ ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ۋە دۇئا قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلاتتى. باقبۇقيا ماتتانيانىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئابدا _ ئابدا شاممۇۋانىڭ ئوغلى، شاممۇۋا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى.
مەن ماتەملىك كىيىم تىكىپ كىيىپ، شان-شەرىپىمنى توپىغا كۆمۈۋەتتىم.
پەرۋەردىگار مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىم، بولدى ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم.
تايىنىپ كەلدىم مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە، نىجاتىڭدىن تولۇپ تاشسۇن شادلىق قەلبىمگە.
ئۆز خەلقىنى كۈچلۈك قىلدى پەرۋەردىگار، مەدھىيەلەر ئوقار ئۇنىڭغا بارلىق تەقۋادارلار _ خۇدا سۆيگەن ئىسرائىللار. پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!
قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.
ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭ ئۈچۈن چۇقان سالىمىز شادلىقتا، تىكلەپ غەلىبە تۇغىمىزنى ئىگىمىزنىڭ نامىدا. ئۇ بارلىق ئىلتىجالىرىڭنى كەلتۈرگەي بەجا.
سەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ ئىستەكلىرىنى، رەت قىلمىدىڭ سورىغان تىلەكلىرىنى. سېلاھ
شادلىنارمەن شۇندا مەن پەرۋەردىگاردىن، بولارمەن خۇشال ماڭا بەرگەن نىجاتلىقىدىن.
ئى ئىگەم، سۆزلەت مېنىڭ تىلىمنى، ئېيتسۇن ئاغزىم ساڭا بولغان مەدھىيەمنى.
ئاغزىمدىن ئەسلا چۈشمەس ساڭا ھەمدۇسانالار، چۈشمەس شان-شەرىپىڭنى ئالقىشلىغان سادالار.
خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن. بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن.
ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت، شان-شەرىپى سەندىن كېلەر، شاپائىتىڭ بولغاچ ئۇلار دائىم غەلىبە قىلار.
بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا، تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا.
ساداقىتىم، مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇ زەپەر قۇچار.
بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.
لېكىن ياۋا بۇقىدەك كۈچلەندۈردۈڭ سەن مېنى، ھەم بېشىمغا سۈركىدىڭ روھلاندۇرغۇچ مېيىنى.
شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ، مۇنداق مۇناجات ئېيتتى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.
مەريەم خۇدانى مەدھىيەلەپ، ئۇلارغا مۇنداق مۇناجات ئوقۇدى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.»
خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى («شىگيونوت»تا ئېيتىلغان):
شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن، خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن.
ئۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يامان كۆرگەنلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، خىزمەتكارى بولغان پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچى تىكلىدى.
بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ شاد-خۇرام بولىمىز.
يۈسۈپ تۇنجى تۇغۇلغان بۇقىدەك، ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزىدەك ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ يات ئەللەرنى مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسۈپ، تاكى زېمىننىڭ چېتىگىچە سۈرىدۇ. ئەفرايىمنىڭ تۈمەنلىگەن لەشكەرلىرى ۋە ماناسسەنىڭ مىڭلىغان جەڭچىلىرى ئۇنىڭ مۈڭگۈزىدۇر.»
خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.
رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار!
ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار.
سىلەر بۇرۇن ئەيسا مەسىھنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار. ھازىر ئۇنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىسىلەر. شۇڭا، قەلبىڭلار تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز شاد-خۇراملىققا چۆمدى.
«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»
ھاننانى پەرۋەردىگار تۇغماس قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، كۈندىشى پىنىننا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بېرىپ، خاپا قىلاتتى.
بۇنداق قىلىش ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى. ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ھەر قېتىم بارغىنىدا، پىنىننا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. شۇڭا ئۇ كۆز يېشى قىلاتتى، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى.