3 مەن ئاتام بىلەن دالادىكى سەن يوشۇرۇنۇۋالغان يەرگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سەن توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇرىمەن، ئەھۋالغا قاراپ، ساڭا خەۋەر بېرىمەن، _ دېدى.
دوست ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان، قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەم بولۇشقا تۇغۇلغان.
يوناتان داۋۇتقا: _ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەتە ئەتىگەندە پەخەس بولغىن، دالاغا بېرىپ، بىرەر مەخپىي يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن.
ئەگەر ئۇ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولسا، لېكىن مەن ساڭا خەۋەردار قىلماي، سېنىڭ ئامان-ئېسەن قېچىشىڭغا ياردەم قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن! پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئاتامغا يار بولغاندەك ساڭىمۇ يار بولسۇن!
_ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلسەم، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟