Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل ئاڭلاپ قالسا، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى سامۇئىل. پەرۋەردىگار: _ سەن بىر ئىنەك ئالغاچ بارغىن ۋە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم» دېگىن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16:2
8 Iomraidhean Croise  

_ ھەئە، شۇنداق. ئۇ ھېلىلا ئالدىڭلاردا كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى قىزلار، _ تېزرەك مېڭىڭلار. ئۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلدى. خەلق سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلماقچى.


ئۇ ماڭا: «ماڭا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ شەھەردە ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن بىرگە قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئاكام بېرىشىمنى بۇيرۇغانىدى. ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئاكىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈمگە ئىجازەت بەرگىن» دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پادىشاھىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولالمىدى.


- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.


- مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.


لېكىن مۇسا خۇداغا: _ مەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالايدىغان قانچىلىك چوڭ ئادەم ئىدىم؟ _ دېدى.


يىشاينى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلغىن. شۇ چاغدا سېنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ بېشىغا ياغ قۇيىدىغانلىقىنى مەن ساڭا دەپ بېرىمەن، _ دېدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan