Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى. بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:2
24 Iomraidhean Croise  

شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!»


شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرى گىبئاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلىمىز، _ دېدى. _ بولىدۇ، مەن سائۇل جەمەتىدىن يەتتە ئەر كىشىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى پادىشاھ.


نىتوفالىق بائانانىڭ ئوغلى خېلەب، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي،


مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى،


بىنيامىن ئەۋلادلىرى گەبا، مىكماس، ئايياھ، بەيتەل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا،


زېلا، ھائەلەف، يىبۇس (يېرۇسالېم)، گىبئاھ، قىريات قاتارلىق 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. مانا بۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.


كېيىن يوشۇۋا ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۇزىتىپ قويدى. ھەممىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.


خوجايىنى ئۇنىڭغا: _ بىز ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان ياتلارنىڭ شەھىرىدە قونمايمىز. بىز گىبئاھ شەھىرىگە بېرىپ قونايلى، _ دېدى.


سائۇلمۇ گىبئاھقا، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. قەلبى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر توپ باتۇرلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن سەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان «خۇدانىڭ تېغى» دەپ ئاتالغان گىبئاھقا بارىسەن. شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تاغدىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە يولۇقىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، نەي ۋە لىرالارنى چېلىشىپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىدۇ.


سائۇل ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىككىنچى يىلى،


سامۇئىل ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا: _ سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ _ دېدى. سائۇل: _ قارىسام خەلق مەندىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. سىزمۇ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلمىدىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن فىلىستىيەلىكلەر مىكماسقا توپلاشتى.


ئاندىن سامۇئىل گىلگالدىن كەتتى. گىلگالدا قالغانلىرى سائۇلغا ئەگىشىپ، باشقا لەشكەرلەر بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھقا باردى. سائۇل ئۆز ئادەملىرىنى سانىۋىدى، ئالتە يۈزچە چىقتى.


سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھتا تۇردى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى.


شۇ ۋاقىتتا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىر ئەترىتى مىكماستىكى داۋاننى ساقلاش ئۈچۈن بارغانىدى.


فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى. ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز پىيادە لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا بارگاھ قۇردى.


شۇ كۈنى ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى سۈر-توقاي قىلىپ، مىكماستىن ئاييالونغىچە قوغلىدى، ئەمما ھەممەيلەن شۇنچە ھالسىراپ كەتكەنىدى.


قىيانىڭ بىرى شىمالغا، يەنى مىكماسقا، يەنە بىرى جەنۇبقا، يەنى گەباغا قاراپ تۇراتتى.


سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.


شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتتى، سائۇلمۇ گىبئاھقا، يەنى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


سائۇل يول بويلىرىدا قوي قوتانلىرى بار يەرگە كەلگەندە، بىر غارنى كۆرۈپ، ھاجەت قىلغىلى كىردى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەل شۇ غارنىڭ ئىچكىرىسىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغانىدى.


بۇنى ئاڭلىغان سائۇل دەرھال ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇتنى ئىزدەش ئۈچۈن زىف چۆلىگە ئاتلاندى.


مۇنداق دېدى: _ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. پادىشاھ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتسە، بەزىلىرىنى ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈشكە سالىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan