1 سائۇل ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىككىنچى يىلى،
لېكىن قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان ياكى تېكە بولسۇن.
ئەرشتىكى خۇداغا سەجدە قىلغىنىمدا، نېمە ئېلىپ باراي پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا؟ ئۇنىڭغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ؟ بىر ياشلىق تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ-يە؟
ئەگەر سىلەر يەنىلا گۇناھ قىلساڭلار، پادىشاھىڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارمۇ بىردەك ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.
ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى. بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.