2 پادىشاھ ناخاش ئۇلارغا جاۋابەن: _ ئۇنداقتا ھەربىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىللارنى خورلۇقتا قالدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزەي، _ دېدى.
مۇنداق دېدى: _ بىز سىڭلىمىزنى خەتنە قىلىنمىغان كىشىگە بەرمەيمىز. بۇنداق قىلىش بىزگە نومۇس.
خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يەپ، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر.
قالدۇردۇڭ بىزنى يات ئەللەرنىڭ ھاقارىتىگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ نەپىرىتى ۋە مەسخىرىسىگە.
مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇرمەن، _ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.
ھەققانىي ئادەم ئۆز مال-ۋارىنىنى ئاسرىماي قالماس، يامان ئادەمنىڭ «رەھىمدىللىكى» زالىملىقتۇر خالاس.
ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
يەنە كېلىپ سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ كىرمىدىڭ ياكى ۋەدە قىلغىنىڭدەك ئېكىنزارلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقمۇ بەرمىدىڭ. سەن كۆزلىرىمىزنى باغلاپ، بىزنى يەنە داۋاملىق ئالدىماقچىمۇ؟ ياق! بىز بارمايمىز! _ دېدى.
فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى.
ئۇلار ئاممونلارغا: _ ئەتە بىز سىلەرگە تەسلىم بولىمىز. بىزگە قانداق قىلغۇڭلار كەلسە، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېدى.
گەرچە پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش سىلەرگە قارشى تۇرغاندا، سىلەر قورقۇپ، ماڭا: «بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر» دېدىڭلار.
داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.