Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9-10 ئۇلار شىلودىكى ۋاقتىدا، بىر كۈنى غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھاننا ئورنىدىن تۇرۇپ، دۇئا قىلىشقا چىقتى. ئۇ چاغدا روھانىي ئەلى ئىبادەتگاھ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى سۇپىدا ئولتۇراتتى. ھاننانىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم ئىدى، شۇڭا ئۇ زار-زار يىغلىغان ھالدا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 1:9
9 Iomraidhean Croise  

بىر كۈنى داۋۇت ناتان پەيغەمبەرگە: _ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.


ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى، ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى: «ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە، تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.»


ياڭرىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى، يالىڭاچلىنار ئورمانلار جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى. «ئاجايىپ ئۇلۇغدۇر خۇدا» دەپ ۋارقىرىشار، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغانلار.


شۇنداق، مەن كىرىمەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە، چەكسىز، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ماڭا. سەجدە قىلىمەن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭدا، ئىخلاسىم باردۇر ساڭا.


خوجايىنى ئۇنى سوتچىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن، ئاندىن ئۇنى ئىشىك ياكى ئىشىك كېشىكىگە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ، بىگىز بىلەن قۇلىقىنى تېشىپ قويسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خوجايىنىنىڭ مەڭگۈلۈك قۇلى بولىدۇ.


سامۇئىل تاڭ ئاتقۇچە ئورنىدا يېتىپ، ئاندىن تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئۇ بۇ ۋەھىينى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىدىكى چىراغ تېخىچە يېنىپ تۇراتتى. سامۇئىلمۇ ئىبادەتگاھتا ياتاتتى، ئەھدە ساندۇقىمۇ شۇ يەردە ئىدى.


ئۇ چاغدا ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىدىن ئەنسىرەپ، يول بويىدىكى ئورۇندۇقىدا خەۋەر كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ھېلىقى ئادەم شەھەرگە كىرىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، پۈتكۈل خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan