8 ئېرى ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ ھاننا، نېمىشقا كۆز يېشى قىلىسەن؟ نېمىشقا غىزا يېمەيسەن؟ نېمىشقا شۇنچىۋالا غەمكىنسەن؟ مەن سەن ئۈچۈن ئون ئوغۇلدىنمۇ ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ _ دەيتتى.
_ تەقسىر، ئۆزلىرى نېمىشقا يىغلايلا؟ _ دېدى خازائېل. ئېلىشا: _ چۈنكى مەن سېنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ قەلئەلىرگە ئوت قويىسەن، ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىسەن، كىچىك بالىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىسەن، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يارىسەن، _ دېدى.
ئەگەر بىرسى ئۈمىدسىزلەنگەن دوستىغا مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر خۇداغا بولغان ئىخلاسىنى يوقاتقان بولىدۇ.
قۇربانلىق سۇپاڭغا بارىمەن شۇندا، بىردىنبىر شادلىقىم بولغان خۇدا ئالدىغا. چېلىپ لىرا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، مېنىڭ ئىلاھىم بولغان ئى خۇدا.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بالا تۇغمىغان، پەرزەنتسىز ئايال! تەنتەنە قىلغىن، ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن، چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى، ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.
سەن خۇددى ئېرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ ئازابلانغان ئايالغا ئوخشايسەن، سەن خۇددى ياش ۋاقتىڭدىلا تاشلىۋېتىلگەن ئايالغا ئوخشايسەن، مەن پەرۋەردىگارىڭ سېنى چاقىرتىپ كېلىمەن. مانا بۇ مەن خۇدايىڭنىڭ سۆزلىرىدۇر.
ئۇلار مەريەمدىن: - خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز؟ - دەپ سورىدى. - رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، - دېدى مەريەم.
- خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. مەريەم ئۇنى باغۋەن دەپ ئويلاپ: - تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كەلسەم، - دېدى.
قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار.
سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى.
بۇنداق قىلىش ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى. ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ھەر قېتىم بارغىنىدا، پىنىننا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. شۇڭا ئۇ كۆز يېشى قىلاتتى، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى.