6 ھاننانى پەرۋەردىگار تۇغماس قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، كۈندىشى پىنىننا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بېرىپ، خاپا قىلاتتى.
راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا: _ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى.
سائۇلنىڭ قىزى مىكال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى.
رەزىللەر تۇغماس، بالىسىز ئاياللارنى خورلايدۇ، تۇل ئاياللارغا شەپقەت قىلمايدۇ.
ئەگەر بىرسى ئۈمىدسىزلەنگەن دوستىغا مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر خۇداغا بولغان ئىخلاسىنى يوقاتقان بولىدۇ.
ئايالىڭلار ھايات ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنى ئەمرىڭلارغا ئېلىپ، ئۇلارنى كۈنداش قىلىپ قويماڭلار.
ئەمما مېنىڭ بىر تەلىپىمگە ماقۇل بولغىن. ماڭا ئىككى ئاي ۋاقىت بەرگىن، ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان ئىپپەتلىك قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە تاغقا چىقىپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ كېلەي، _ دېدى.
بۇنداق قىلىش ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى. ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ھەر قېتىم بارغىنىدا، پىنىننا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. شۇڭا ئۇ كۆز يېشى قىلاتتى، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى.
ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى، رۇسلىدىڭ قەددىمنى. دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم، يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى.