Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 5:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 5:7
23 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا.


ئامانەت قىل ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا، ئۇ يېتەكچى بولار ساڭا، ئىشەن ئۇنىڭغا.


بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم، بىراق، مېنى ياد ئېتەر ئىگەم. مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم، ھايال بولما، ئى ئىلاھىم.


پەرۋەردىگارغا تاپشۇر غەم-قايغۇڭنى، ئۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەر سېنى. پەرۋەردىگار يىقىتماس ھەرگىز، توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى.


تاپشۇر قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا، نەتىجىلىك بولار پىلانلىرىڭ شۇندا.


ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟


كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛


شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، بىز غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتساق، كارىڭىز يوقمۇ؟ - دېيىشتى.


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار.


مانا شۇنچىلىك كىچىك ئىشنىمۇ قىلالمىساڭلار، باشقا ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟!


مەدىكار نېمىشقا قاچىدۇ؟ چۈنكى، ئۇ قويلارنىڭ ئىگىسى ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.


ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار.


داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan