Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بۇرۇنقى چاغلاردا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق گۈزەللىك بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 3:5
17 Iomraidhean Croise  

كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟ ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى.


ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال، ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.


يېتىم بالىلىرىڭلارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈم باقىمەن. تۇل ئاياللىرىڭلارمۇ ماڭا ئىشەنسۇن.»


كېيىن تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، روزا تۇتۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى.


ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.


جاففا شەھىرىدە تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال ئېتىقادچى بار ئىدى. (گرېكچە ئىسمى «دوركاس» بولۇپ، «كېيىك» دېگەن مەنىدە.) ئۇ ھەر ۋاقىت ياخشى ئىش قىلىدىغان بولۇپ، نامراتلارغا ياردەم قىلاتتى.


يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەممىڭلار ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن.


بەلكى ياخشى ئەمەلىيىتى بىلەن پەردازلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ، خۇدا يولىدا ماڭىمەن دەيدىغان ئاياللارغا يارىشىدۇ.


لېكىن، ئاياللار ھاۋا~ئانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ. بىراق، ئۇلار چوقۇم ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇپ، پاك ۋە ئەخلاقلىق ياشىشى كېرەك.


ئۇلار يەنە ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇشى، يەنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاياللار بولۇشى كېرەك.


ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللار ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ.


گەرچە ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان خۇدانىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ بىزگە چەكسىز رەھىمدىللىك كۆرسىتىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغۇلدۇرۇپ، ئۆچمەس بىر ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.


ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى، رۇسلىدىڭ قەددىمنى. دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم، يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan