10 خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى خالايدىغانلار تىلىنى يامانلىقتىن، ئاغزىنى ھىيلە-مىكىرلىك سۆزلەردىن يىراق تۇتسۇن.
شەيتان جاۋابەن: _ جېنىغا ئازاب بېرىپ باققىن، نېمە قىلاركىن؟ ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەيياردۇر.
ئۇ مېنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈمدىن خالاس قىلىپ، ھاياتىمغا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى› دەيدۇ.
يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئادەمدەك كۈنلىرىم تېز ئۆتمەكتە، كۈنلىرىم شۇنچە تېز قاچماقتا، بىر كۈنمۇ ياخشى كۈن كۆرمىدىم.
ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي، ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي.
يوقىتار ئىدىم ئۆزۈمنى ئەگەر ئىشەنچىم بولمىسا كۆرۈشكە پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى بۇ دۇنيادا.
كېتەر ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، چىقالماس مەڭگۈ ئۇلار يورۇقلۇققا.
دانالىقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، دانالىقنى مەھكەم تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر.
ئۆمۈر قوشار ئۇلار ئۆمرۈڭگە، ئامان-ئېسەنلىك ئېلىپ كېلەر ھاياتىڭغا.
چۈنكى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن بۇ سۆزلەر ھاياتلىقتۇر، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىدۇر.
چۈنكى مېنى تاپقانلار ھاياتلىقنى تاپار. پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقىغا ئىگە بولار.
چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى شاراب بىلەن خۇش قىلىپ باقماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنى نادان تۇتماقچى بولساممۇ، لېكىن قەلبىم مېنى يەنىلا دانالىققا باشلىدى. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، ئىنسان قىسقا ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ياخشىلىق توغرىسىدا نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ ياخشى بولغۇچىدىن پەقەت بىرىلا بار. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلىڭ، - دېدى.
چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مەن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ناتانيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: - مانا بۇ، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىل! - دېدى.
ھاياتىنى ئايىغانلار ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيادا ھاياتىنى ئايىمىغانلار ئۇنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ.
بۇ سۆزلەر قۇرۇق گەپلەر ئەمەس، بەلكى ھاياتىڭلاردۇر. بۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىندا ئۇزۇن ياشالايسىلەر.
ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاڭلار.
مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.»
ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يالغان سۆز چىقمايدۇ. ئۇلار ئەيىبسىزدۇر.