Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:9
50 Iomraidhean Croise  

ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي، ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي.


پەرۋەردىگار _ ياراتقۇچىدۇر، بىردىنبىر يېگانىدۇر. ئۇ چاچار نۇرىنى ئۈستىمىزگە. قۇربانلىقنى باغلاڭلار تانىلار بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرىگە.


پەرۋەردىگار تاللىۋالدى ياقۇپ قوۋمىنى، ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىسرائىللارنى.


بولۇر بىر ئەۋلاد پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، ئىگە بولار ئۇچۇرغا ئەۋلادلار ئىگەم ھەققىدە.


پەرۋەردىگارنى خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر، پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر.


ئەگەر مەن شۇنداق ئويدا بولسام ئىدىم، خەلقىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولار ئىدىم.


دەرۋازىلارنى ئېچىڭلار، پەرۋەردىگارغا ساداقەتمەن، ھەققانىي خەلقنى ئىچىگە كىرگۈزۈڭلار.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، سىلەر مەن تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ دوستۇم ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى.


مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.


«ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار.


لېكىن سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرى»، «خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر. سىلەر ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىدىن خۇشال بولىسىلەر.


سىلەر ‹مۇقەددەس خەلق›، ‹پەرۋەردىگار قوغدىغان خەلق› دەپ ئاتىلىسىلەر، يېرۇسالېم ‹ئەتىۋارلانغۇچى›، ‹تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن روھانىيلارنى، لاۋىيلارنى تاللايمەن. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


قاراڭغۇلۇقتا يۈرگەنلەر پارلاق يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتە ياشىغانلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاشۇ كۈندە، ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ۋاپادار بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن.


قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانلار پارلاق بىر نۇرنى كۆرمەكتە. ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە قالغان بۇ ئەلگە بىر نۇر چۈشىدۇ ئەمدى.»


خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن.


ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن.


ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا: - سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا قايىل قىلالايمەن، دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ - دېدى.


بىز خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار بولۇپ، يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرىلغانمىز.


ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدامۇ ئۇنى خاراب قىلىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى خۇداغا بېغىشلانغاندۇر. سىلەر ھەممىڭلار، يەنى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى دەل خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى.


خۇداغا تەئەللۇق بولغان بىز ھەممىمىز تاكى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھ خۇدا بىزگە ۋەدە قىلغان مىراسقا ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىشتۇر.


شۇڭا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتىگە مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز. بىز خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بۇنداق غايەت زور مېھىر-شەپقەتنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلدى.


بارلىق شان-شەرەپ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


لېكىن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى پۈتكۈل ئەللەر ئىچىدىن تاللىدى. ئەھۋال مانا بۈگۈن سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەكتۇر.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان خەلقدۇرسىلەر. ئۇ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭلا زېمىنى يوقتۇر، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.


پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان خەلقسىلەر. پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىن سىلەرنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


يەنى، خۇدا ئەيسا مەسھ ئارقىلىق مېنى چاقىرىپ، ئەرشتە مەن ئۈچۈن تەييارلىغان ئىنئامغا قاراپ ئىلگىرىلەيمەن.


ئۇ بىزنى شەيتاننىڭ زۇلۇم-زەخمىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئېلىپ كىردى.


خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.


كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


بىزنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇدانىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدى. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


دەسلەپكى تىرىلىشتىن بەھرىمەن بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر. ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ روھانىيلىرى بولىدۇ ۋە مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ.


ئۇلارنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، خۇدايىمىزنىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشقا ئىرادە قىلغاندۇر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan