پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاڭلار. Faic an caibideil |
يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.
قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. قېرىندىشىڭلارنى سۆكسەڭلار ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدانىڭ «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» دېگەن قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قارار قىلىدىغان سوتچى ئەمەسسىلەر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت.