پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 1:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان. Faic an caibideil |
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ۋەھالەنكى، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى. سىلەر شۇ ھەزرىتى ئەيسانى كېڭەشمىگە تۇتۇپ بەردىڭلار. ۋالىي پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنى رەت قىلىپ، «ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دېدىڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان يامانلىقلاردىن يېنىش، خۇداغا ئىشىنىش، چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش، باشقىلارغا قول تەگكۈزۈپ دۇئا قىلىش، تىرىلدۈرۈلۈش ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم قاتارلىق تەلىملەرگە قايتا ئاساس سالىمىز، دەپ ئولتۇرمايلى. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خىل باشلانغۇچ تەلىملەردە توختاپ قالماي، يېتىلىشكە قاراپ ماڭايلى.