16 خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاكتۇرمەن» دېگەن.
زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.
مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار، پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار.
مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. سىلەر پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن.
_ سەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مۇقەددەستۇرمەن.
ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاپ، پاك بولۇڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
ئىككى ئادەم دېيىشىپ قويماي تۇرۇپ، بىرگە سەپەر قىلامدۇ؟