ئاندىن ھامون پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا: _ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيەمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيەمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر.