Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 4:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ خۇداغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆز ئوغلىنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتتى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 4:10
20 Iomraidhean Croise  

ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.


بىزنىڭ قەلبىمىز مېھىر-مۇھەببەتلىك، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولدى.


سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ.


چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.


قاراڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە نەقەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن-ھە! ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ بىزنى «پەرزەنتلىرىم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز. بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ تونۇپ يېتەلمەيدۇ.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.


ئەرشتىن چۈشكەن، «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئۆزۈمدۇرمەن. كىمدەكىم بۇ «نان»~دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇنى ئاتىماقچى.


ھازىر سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن. «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.»


شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.


بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan