4 «خۇدانى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر.
ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىل ھەم ھەقىقەتتە تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەلىمگە ئىتائەت قىلماي، بىمەنە سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. بولۇپمۇ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن خەتنە قىلىنىش زۆرۈر، دەپ تۇرۇۋالغۇچىلار شۇنداق قىلىدۇ.
ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز، دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ.
گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، خۇدانى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.
ئەگەر ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىن دەپ تۇرۇپ، يەنىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، قاراڭغۇلۇقتا مېڭىۋەرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز.
گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.
خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساق، ئۇ چاغدا خۇدانى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز.
كىمدەكىم ئۆزىنى «يورۇقلۇقتا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ.
شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاۋاتقان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى ئەيسا مەسىھنى چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ.
ئەگەر بىرى، «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟
قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىن كېلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ.