Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بىز بۇ خېتىمىزدە سىلەرگە ئەزەلدىن بار بولغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا بايان قىلماقچىمىز. بىز بۇ ھاياتلىق كالامىنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىغان، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ۋە كۆزەتكەن ھەمدە ئۇنى ئۆز قوللىرىمىز بىلەن تۇتقان.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:1
23 Iomraidhean Croise  

كىم بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ كىم ئەزەلدىن تارتىپ تارىخنىڭ يۆنۈلۈشىنى بەلگىلىگەن؟ بۇ ئىشلارنى قىلغان مەن پەرۋەردىگار! تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، ئەبەدىي-ئەبەد مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنىمۇ مەن!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يەرسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتىشىدۇ.»


ئۇلار خاتىرىلەشتە، بۇ ئىشلارنى باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خۇش خەۋەر تارقاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغان.


قولۇم بىلەن پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن! تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش-ئۇستىخىنى يوق. قاراڭلار، مېنىڭ بار، - دېدى.


سىلەرنى ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى كۆرگۈچى گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر. كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.


ئاندىن، توماسقا: - بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تەگكۈزۈپ باق. گۇمان قىلماي، ماڭا ئىشەن! - دېدى.


چۈنكى، ئاتىسى ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغلىنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا بار ئىدىم! - دېدى.


ئۇ ئۆلۈپ، تىرىلگەندىن كېيىنكى قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇلارغا كۆپ قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنىڭ شەكسىز ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغانىدى ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر سۆزلەرنى قىلغانىدى.


ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! - دەپ جاۋاب بەردى.


شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن.


ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇنى بىز كۆردۇق ھەم بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.


ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بار.


بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى.


پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»


ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن تون كىيگەن بۇ ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «خۇدانىڭ كالامى» ئىدى.


- ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«تۇنجى ۋە ئاخىرقى، ئۆلۈپ تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ:


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan