زىفانىيا 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيېرۇسالېم شەھىرىنىڭ گۇناھلىرى 1 ئاسىيلىققا، چىرىكلىككە ۋە زۇلۇمغا تولغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي! 2 ئۇ ھېچكىمگە بويسۇنمىدى. ھېچكىمنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداغا يېقىنلاشمىدى. 3 ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ. سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر. 4 پەيغەمبەرلىرى تەكەببۇر، ھىيلىگەردۇر. روھانىيلىرى ئىبادەتخانىنى بۇلغاپ، خۇدانىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدۇ. 5 پەرۋەردىگار يەنىلا ئادالەتلىكتۇر، ئۇ يېرۇسالېمدىدۇر. ئۇ ئادالەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھەر كۈنى ھەقىقەتنى ئۈزۈپ قويماي نامايان قىلسىمۇ، لېكىن ئادالەتسىزلەر نومۇس قىلمايدۇ. 6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يات خەلقلەرنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سېپىل مۇنارلىرىنى گۇمران قىلدىم. ئۇ يەردىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابىگە ئايلاندۇردۇم. كوچىلىرىنى چۆللەشتۈرۈپ، ھېچكىمنى قالدۇرمىدىم. 7 ئۇ چاغدا: ‹خەلقىم چوقۇم مەندىن ئەيمىنىپ، تەربىيەمنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بېكىتكىنىم بويىچە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ۋەيران قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ› دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۇلار يامان ئىشلارغا تېخىمۇ مەپتۇن بولۇپ قالدى.» 8 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار، مېنىڭ سوراق كۈنۈمنى كۈتۈڭلار! مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم. پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.» يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى 9 «كېيىن ئەللەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ۋە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىللىرىنى پاكلايمەن. 10 تارقىتىۋېتىلگەن خەلقىم كۇش دەريالىرىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىدىن كېلىپ، ماڭا ھەدىيە سۇنىدۇ. 11 ئەي خەلقىم، ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلار ئۈچۈن، نومۇس قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى مەن ئىچىڭلاردىكى تەكەببۇر ۋە ھاكاۋۇرلارنى يوقىتىمەن. سىلەر مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا قايتا كىبىرلىك قىلمايسىلەر. 12 مەن ئىچىڭلاردىكى كەمتەر ۋە ئىتائەتمەن كىشىلەرنى قالدۇرىمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن پاناھلىق ئىزدەيدۇ. 13 ھايات قالغان ئىسرائىللار يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ، يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئالدامچىلىق قىلمايدۇ. ئۇلار يەپ-ئىچىپ خاتىرجەم ياشايدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.» خۇشاللىق مۇناجىتى 14 ئەي سىئون قىزى، تەنتەنە قىل، ئەي ئىسرائىل، چۇقان سال! ئەي يېرۇسالېم قىزى، خۇشاللىققا چۆم! 15 پەرۋەردىگار سېنى جازالاشتىن ياندى! ئۇ سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى قوغلاپ چىقاردى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇر، ئۇ ساڭا ياردۇر. سېنىڭ ئەمدى بالا-قازادىن قورقۇشۇڭ بىھاجەتتۇر. 16 شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەي سىئون، قورقما! قوللىرىڭ بوشىشىپ كەتمىسۇن، 17 پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ياردۇر، ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.» 18 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھېيت قىلالمىغانلىقىڭلاردىن مەيۈسلەنگەنىدىڭلار، سىلەرنى ئەمدى يىغىمەن، نومۇستا قالدۇرمايمەن. 19 شۇ چاغدا مەن سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇپ، سۈرگۈندىكىلەرنى يىغىمەن. سىلەر نومۇستا قالغان ھەر بىر ئەلدە سىلەرنى شەرەپلەندۈرىمەن. 20 ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن. مەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ۋە سىلەرنى پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti