Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زىفانىيا 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خەلقنى توۋا قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىش

1 ئەي نومۇسسىز خەلق، ئۇيقۇڭنى ئاچ!

2 ۋاقتىڭلار توپىدەك توزۇماستا ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېتىپ كەلمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتى يانماستا، ئۇنىڭ قەھر-غەزەپ كۈنى يېتىپ كەلمەستە ئۇيقۇڭنى ئاچ!

3 ئەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالغۇچىلار، پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىڭلار! ئادالەتنى قوغلىشىڭلار، كەمتەر بولۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىدە بەلكىم سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قوغدىلىپ قالىسىلەر.


ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي

4 گازا شەھىرىدە ھېچكىم قالمايدۇ، ئاشقىلون قاقاسلىشىپ كېتىدۇ. ئاشدودلۇقلار چۈشكىچە قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئەقرون ئاھالىلىرىمۇ شەھەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ.

5 ئەي دېڭىز بويىدىكى كىرېتلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي كەنئاندا تۇرىدىغان فىلىستىيەلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن، بىرىڭلارنىمۇ قويماي يوق قىلىمەن.»

6 دېڭىز بويىدىكى سىلەر ياشىغان يەرلەر باياۋانغا ئايلىنىپ، پەقەت مالچىلارنىڭ كەپىلىرى بىلەن قوي قوتانلىرىلا قالىدۇ.

7 يەر-زېمىنلىرىڭلارنى ئامان قالغان يەھۇدىيە خەلقى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئۇ يەرلەردە قوي بېقىپ، كېچىسى ئاشقىلوندىكى ئۆيلەردە ياتىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

8-9 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن موئابلارنىڭ مەسخىرىلىرى ۋە ئاممونلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار خەلقىمنى مەسخىرە قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى. مەن، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، موئاب جەزمەن سودومدەك، ئاممونلار گومورادەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى شور ۋە تىكەن بېسىپ، مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. ئامان قالغان خەلقىم ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدۇ.»

10 موئاب ۋە ئاممونلار تەكەببۇرلىشىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جازاسىنى يەيدۇ.

11 پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ ۋە دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ. ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.

12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي كۇشلار، سىلەرمۇ ئۇرۇشتا ئۆلىسىلەر.»

13 پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ، نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ.

14 ئۇ يەر كالا، قوي، ۋە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالىدۇ. خارابىلەردىكى تۈۋرۈكلەرنى ھۇۋقۇشلار ماكان قىلىپ، دېرىزىلەردە ھۇۋلىشىدۇ. قاغىلار بوسۇغىلاردا قاقىلدىشىدۇ. ئىمارەتلەرنىڭ كېدىر ياغاچلىرى قومۇرۇلۇپ كېتىدۇ.

15 خۇشال ياشاۋاتقان بۇ شەھەر: «مەن بۈيۈكتۇرمەن، تەڭدىشىم يوقتۇر» دەپ ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ. بىراق ئۇ قاقاسلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر قوللىرىنى شىلتىشىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan