Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زىكىرىيا 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يېرۇسالېمنى قايتا گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى ۋەدە

1 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن ماڭا مۇنداق ۋەھىي كەلدى.

2 ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىئونغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىغانچە، دۈشمەنلىرىگە غەزىپىم تاشىدۇ.»

3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئونغا قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى ‹ساداقەتلىك شەھەر›، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغى ‹مۇقەددەس تاغ› دەپ ئاتىلىدۇ.»

4 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بوۋاي ۋە مومايلار كوچىلاردا ھاسىلىرىنى تۇتۇشۇپ ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇرۇشىدىغان،

5 شەھەر كوچىلىرى ئويناۋاتقان بالىلار بىلەن تولىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ.»

6 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار ھازىر ئامان قالغان خەلقىمگە مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئىمكانسىز ئەمەستۇر! بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

7 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىكى ئەللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەكېلىمەن.

8 ئۇلارنى يېرۇسالېمدا ياشاشقا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ساداقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.»

9 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەتخانامنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا جاسارىتىڭلار بولسۇن! بۇ سۆزلەرنى بۇرۇن ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنى پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەنىدى ۋە بۈگۈنمۇ سىلەر بۇ سۆزلەرنى يەنە ئاڭلاۋاتىسىلەر.

10 ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئادەملەرمۇ ۋە ھايۋانلارمۇ ئۆز مېھنىتىگە يارىشا ھەققىنى ئالالمايتتى. دۈشمەن سەۋەبىدىن ھېچكىم خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيتتى. مەن ھەممىنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويغانىدىم.

11 لېكىن ھازىر مەن ئامان قالغان بۇ خەلقىمگە بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلمايمەن.

12 خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن.

13 ئەي يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە خەلقلىرى، ئىلگىرى سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەتكە قالغان خەلق دەپ ئاتالغان بولساڭلار، ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. سىلەر بەخت مەنبەسى بولىسىلەر، شۇڭا قورقماڭلار، بەلكى جاسارەتلىك بولۇڭلار!»

14 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلار غەزىپىمنى قوزغىغاندا، مەن ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى قارار قىلىپ، قارارىمدىن يانمىغانىدىم.

15 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمدى مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە ياخشىلىق قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدىم. سىلەر قورقماڭلار،

16 لېكىن مۇنداق قىلىڭلار: بىر-بىرىڭلارغا راستچىل بولۇڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، تىنچلىق ئورنىتىڭلار.

17 قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار. يالغان قەسەم قىلىشتىن توختاڭلار، چۈنكى مەن بۇ ئىشلاردىن نەپرەتلىنىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


روزا تۇتۇش توغرىسىدىكى سوئال

18 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلدى.

19 ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»

20 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق زامانلار كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا نۇرغۇن ئەللەر ۋە نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى يېرۇسالېمغا كېلىدۇ.

21 بىر شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى يەنە بىر شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹يۈرۈڭلار، تېز بولۇڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئىلتىپات قىلىشىنى تىلەيلى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلايلى! يۈرۈڭلار، بىز بىرگە بارايلى!› دېيىشىدۇ.

22 كۆپ خەلقلەر ۋە كۈچلۈك ئەللەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ ھەم مېنىڭ ئۆزلىرىگە ئىلتىپات قىلىشىمنى تىلەيدۇ.»

23 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ كۈنلەردە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل ئەللەرگە مەنسۇپ ئون ئادەم بىر يەھۇدىينىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزمۇ سىز بىلەن بىرگە بارايلى! چۈنكى بىز خۇدانىڭ سىلەرگە يار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق› دېيىشىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan