زىكىرىيا 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئادىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىك بولۇشقا چاقىرىش 1 پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلىنىڭ 9-ئېيىدا، يەنى كىسلاۋ ئېيىنىڭ 4-كۈنى پەرۋەردىگاردىن زىكىرىياغا يەنە بىر ۋەھىي كەلدى. 2 بۇرۇن بەيتەللىكلەر سارئەزەر ۋە رەگەم-مەلەكنى ھەم ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى يېرۇسالېمغا پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا ئەۋەتكەنىدى. 3 ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى. 4 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 5 _ سەن بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلققە ۋە روھانىيلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر يەتمىش يىلدىن بېرى ياز ئوتتۇرىسى ۋە كۈز ئايلىرى روزا تۇتۇپ قايغۇڭلارنى ئىپادىلىدىڭلار. ئەمما بۇنى راست مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلغانمىدىڭلار؟! 6 سىلەرنىڭ يەپ-ئىچىشىڭلارمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ نەپسىڭلار ئۈچۈن بولغان ئەمەسمىدى؟! 7 بۇنداق سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاپ كەلگەن ئەمەسمىدىم؟ ئەينى چاغدا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئادەملەر ماكانلىشىپ، ئاۋاتلاشقانىدى. نەگېب چۆللۈكى ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغىمۇ ئادەملەر ئولتۇراقلاشقانىدى.» 8 پەرۋەردىگار زىكىرىياغا يەنە مۇنداق دېدى: 9 _ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «سىلەر ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار. 10 تۇل خوتۇن، يېتىملەرگە، يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا ۋە نامراتلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار. 11 ئەجدادلىرىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلدى، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالدى. 12 ئەجدادلىرىڭلار يۈرەكلىرىنى تاشتەك قاتتىق قىلىپ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر مېنىڭ روھىم ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىملىرىم ۋە باشقا سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا قاتتىق غەزەپلەندىم. 13 مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا، ئۇلار مېنىڭ چاقىرىشىمغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئۇلار مېنى چاقىرغاندىمۇ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىشىغا قۇلاق سالمىدىم. 14 مەن ئۇلارنى خۇددى بوران ئۇچۇرۇۋەتكەندەك، يات ئەللەرگە ئۇچۇرۇۋەتتىم. ئۇلارنىڭ زېمىنى قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئاياغ باسمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باياشات زېمىنىنى چۆللۈككە ئايلاندۇردى.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti