زىكىرىيا 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8-غايىبانە ئالامەت _ تۆت ھارۋا 1 ئاندىن مەن يەنە نەزەر سېلىپ، تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىككى تاغ ئارىسىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ تاغلار تۇچتىن ئىدى. 2 بىرىنچى جەڭ ھارۋىسى تورۇق ئاتقا، ئىككىنچىسى قارا ئاتقا، 3 ئۈچىنچىسى ئاق ئاتقا، تۆتىنچىسى چىپار ئاتقا قېتىلغانىدى، بۇ ئاتلار كۈچلۈك ئىدى. 4 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ تەقسىر، بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. 5 پەرىشتە ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن تۆت تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان ساماۋى شاماللار. 6 قارا ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى شىمالغا، ئاق ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى غەربكە ۋە چىپار ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى جەنۇبقا بارىدۇ. 7 بۇ كۈچلۈك ئاتلار پۈتۈن زېمىننى چارلاشقا تەقەززادۇر. پەرىشتە ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چارلاشقا كەتتى. 8 ئۇ مېنى يەنە چاقىرىپ: _ مانا قارا! شىمالغا بارغان ئاتلار پەرۋەردىگارنى غەزىپىدىن ياندۇردى، _ دېدى. يوشۇۋاغا تاج كىيدۈرۈش توغرىسىدىكى ئەمر 9 پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: 10 _ سەن سۈرگۈندىن قايتقان خەلداي، توبىيا ۋە يىدايالار بابىلدىن سوۋغا قىلىپ ئەكەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، شۇ كۈنىلا زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ ئۆيگە بارغىن. 11 ئاندىن مۇشۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن بىر تاج ياسىتىپ، ئۇنى يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويغىن ۋە 12 ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر ‹نوتا› پەيدا بولۇپ، ئۆز تۈۋىدىن بىخلىنىپ چىقىدۇ. ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن سالىدۇ. 13 مېنىڭ ئىبادەتخانامنى سالىدىغان كىشى شۇدۇر. ئۇ پادىشاھلىق شان-شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، تەختتە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈم سۈرىدۇ ۋە روھانىينىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئادا قىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋەزىپە بىر-بىرىگە تاقاشمايدۇ. 14 بۇ تاج مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويۇلىدۇ. ئۇ خەلداي، توبىيا، يىدايا ۋە زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيالارنى ئەسلىتىدىغان خاتىرە بولىدۇ.» 15 يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti