Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زىكىرىيا 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


5-غايىبانە ئالامەت _ چىراغدان ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى

1 مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئاشۇ پەرىشتە قايتىپ كېلىپ، خۇددى مۈگدەپ قالغان ئادەمنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈرگەندەك، مېنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈردى.

2 ئۇ مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ مەن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قاچا قويۇلغان بولۇپ، قاچىنىڭ گىرۋەكلىرىدە يەتتە دانە چىراغ، ھەر بىر چىراغدا يەتتە تالدىن پىلىك بار ئىدى.

3 چىراغداننىڭ يېنىدا يەنە ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى بار ئىدى. ئۇلار قاچىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە ئىدى، _ دېدىم ۋە

4 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ تەقسىر، بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم.

5 ئۇ: _ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. مەن: _ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

6 ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار زىرۇببابەلگە مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرىتىڭلار ياكى كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

7 ئەي تاغدەك چوڭ توسالغۇ، سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا نېمە ئىدىڭ؟ سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا تۈزلەڭلىكتەك تۈزلىنىپ كېتىسەن. زىرۇببابەل ئىبادەتخانىغا ئەڭ ئاخىرقى تاشنى قويغاندا، خەلق: ‹خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى مۇشۇ ئىبادەتخانىغا يار بولغاي!› دەپ چۇقان سېلىشىدۇ.»

8 پەرۋەردىگار يەنە ماڭا مۇنداق دېدى:

9 _ زىرۇببابەل ئۆز قولى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويدى، ئۇنىڭ قولى بۇ قۇرۇلۇشنى چوقۇم تاماملايدۇ. شۇندىلا ئۇ مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سېنى خەلققە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.

10 قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشىنى كىچىك ئىش دەپ كۆزگە ئىلمىغانلار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زىرۇببابەلنىڭ قولىدىكى تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆرگەندە خۇشاللىققا چۆمىدۇ. (يەتتە دانە چىراغ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن زېمىننى كۆزىتىپ تۇرىدىغان يەتتە كۆزىدۇر.)

11 پەرىشتىدىن: _ چىراغداننىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرىدىكى بۇ ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم

12 ۋە ئۇنىڭدىن يەنە _ ئالتۇن رەڭلىك زەيتۇن يېغى ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ئىككى دانە ئالتۇن نوكەشنىڭ يېنىدىكى ئىككى دانە زەيتۇن شېخى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم.

13 ئۇ مەندىن: _ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

14 ئۇ ماڭا: _ بۇ ئىككى شاخ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ئىككى كىشىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan