Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زىكىرىيا 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


4-غايىبانە ئالامەت _ باش روھانىي يوشۇۋا

1 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا باش روھانىي يوشۇۋانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. شەيتان يوشۇۋانىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى.

2 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار شەيتانغا: _ ئەي شەيتان، سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! مەن، يەنى يېرۇسالېمنى تاللىغان پەرۋەردىگار سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! بۇ ئادەم خۇددى ئوتتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان چۇچىلىغا ئوخشىمامدۇ؟ _ دېدى.

3 يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا مەينەت كىيىملەر بىلەن تۇراتتى.

4 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلارغا: _ ئۇنىڭ مەينەت كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىڭلار! _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋاغا: _ قارا، مەن سېنىڭ گۇناھىڭنى كۆتۈرۈۋەتتىم، ئەمدى ساڭا بايراملىق كىيىملەرنى كىيدۈرىمەن، _ دېدى.

5 مەن ئېغىز ئېچىپ: _ ئۇلار يەنە يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە ئوراپ قويسۇن، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە يۆگىدى، ئۇچىسىغا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى.

6 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يوشۇۋاغا كەسكىن قىلىپ، مۇنداق دېدى:

7 _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلساڭ، ئىبادەتخانامنى ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى باشقۇرىسەن. سېنىڭ بۇ يەردە تۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇشۇڭغا ئىجازەت بېرىمەن.

8 ئەي باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنىڭ بېشارىتىدۇرسىلەر. مەن ‹نوتا› دەپ ئاتالغان خىزمەتكارىمنى ئەۋەتىمەن.

9 قاراڭلار، مەن يوشۇۋانىڭ ئالدىغا بىر تاش قويدۇم، ئۇنىڭ يەتتە يۈزى بار. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتلەرنى ئويۇپ، بۇ زېمىندىكى بارلىق گۇناھلارنى بىر كۈندىلا كۆتۈرۈۋېتىمەن.

10 ئاشۇ كۈنى ھەربىرىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى چاقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرىخىڭلارنىڭ ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan