Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زىكىرىيا 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


3-غايىبانە ئالامەت _ ئۆلچەم تانىسى

1 مەن يەنە قارىدىم ۋە قولىدا ئۆلچەم تانىسى تۇتۇپ كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆردۈم.

2 مەن ئۇ يىگىتتىن: _ نەگە كېتىۋاتىسىز؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ يېرۇسالېمغا، شەھەرنى ئۆلچەشكە، شەھەرنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى بىلىشكە كېتىۋاتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

3 ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى.

4 كەلگەن پەرىشتە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ تېز بول! ئاۋۇ كېتىۋاتقان ياش يىگىتكە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ كۆپلىكىدىن يېرۇسالېم شەھىرىگە سىغماي قالىدۇ، سېپىللار بولمايدۇ.

5 پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن ئۆزۈم يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا ئوت سېپىلى، ئىچىدە شان-شەرىپى بولىمەن!»


سۈرگۈندىكىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

6 پەرۋەردىگار: «تېز بولۇڭلار، مەن سىلەرنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا چېچىۋەتكەنىدىم، ئەمدى شىمالدىكى بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار!

7 ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان سىئون خەلقى، تىز بولۇڭلار، قېچىڭلار!» دەيدۇ.

8 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.

9 پەرۋەردىگار: «كۆرۈپ تۇرۇڭلار، مەن بۇ ئەللەرگە قارشى مۇشتۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ قۇللىرى ئۆزلىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇ چاغدا سىلەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر.

10 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون قىزى، چۇقان سېلىڭلار، تەنتەنە قىلىڭلار! چۈنكى مەن كېلىپ ئاراڭلاردا ياشايمەن.

11 ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.

12 مەن يەھۇدىيەنى مۇقەددەس زېمىندىكى مۈلكۈم قىلىمەن ۋە يېرۇسالېمنى قايتىدىن ‹مېنىڭ شەھىرىم› قىلىپ تاللايمەن.

13 ئەي ئىنسانلار، مېنىڭ ئالدىمدا سۈكۈتتە تۇرۇڭلار! چۈنكى مەن مۇقەددەس ماكانىمدىن قوزغىلىپ كەلمەكتىمەن.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan