Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زىكىرىيا 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئاخىر زاماندىكى پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

1 ئەي يېرۇسالېملىقلار، قاراڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى يېقىنلاشماقتا! دۈشمىنىڭلار مال-مۈلكۈڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا تالان-تاراج قىلىپ، بۆلۈشىدۇ.

2 پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ.

3 ئاندىن پەرۋەردىگار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك كېلىپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان ئەللەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ.

4 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىغا قەدەم باسىدۇ. زەيتۇن تېغى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ.

5 سىلەر ئازال دېگەن جايغىچە سوزۇلغان بۇ جىلغىدىن قېچىپ ئۆتىسىلەر. سىلەر خۇددى يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيا دەۋرىدە خەلق يەر تەۋرەشتىن قاچقاندەك قاچىسىلەر. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىم خۇدا بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىرگە كېلىدۇ.

6 ئۇ كۈن كەلگەندە، يورۇقلۇق ھەم سوغۇق بولمايدۇ، شۇنداقلا قىروۋمۇ چۈشمەيدۇ.

7 ئۇ كۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ، ئۇ كۈننى پەقەت پەرۋەردىگارلا بىلىدۇ. ئۇ كۈندە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى بولمايدۇ. كەچ ۋاقتى بولغاندىمۇ يورۇق بولىدۇ.

8 ئۇ كۈن كەلگەندە، ھاياتلىق سۈيى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يېرىمى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان يېرىمى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ. بۇ سۇ ياز ۋە قىش پەسلىمۇ مۇشۇنداق ئېقىپ تۇرىدۇ.

9 پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.

10 يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گەبادىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.

11 ئادەملەر ئۇ يەردە ياشايدۇ. بۇ شەھەر ھېچقاچان قايتىدىن ۋەيران قىلىنمايدۇ. يېرۇسالېم بىخەتەر جاي بولىدۇ.

12 پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرگە ۋابا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار تىرىك مۇردىلارغا ئايلىنىپ، تەنلىرى چىرىپ كېتىدۇ. كۆزلىرى كۆز چانىقىدا، تىللىرى ئېغىزلىرىدا چىرىيدۇ.

13 ئۇ كۈن كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇ ئەللەرنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم ياقا سىقىشىپ، بىر-بىرىگە قارشى قول كۆتۈرۈشىدۇ.

14 ھەتتا يەھۇدىيە خەلقىمۇ يېرۇسالېمدا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئەتراپىدىكى ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلىرى ئولجا ئېلىنىدۇ.

15 دۈشمەن قوشۇنلىرىدىكى ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك ۋە بارگاھلىرىدىكى بارلىق ھايۋانلارغىمۇ ئوخشاشلا ۋابا تېگىدۇ.

16 كېيىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەردىن ھايات قالغانلىرى ھەر يىلى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ ۋە كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىدۇ.

17 ئەگەر يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرەرسى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلمىسا، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يامغۇر ياغمايدۇ.

18 ئەگەر مىسىرلىقلار بېرىشنى رەت قىلسا، ئۇلارنىڭ زېمىنىغىمۇ يامغۇر ياغمايدۇ. كەپە تىكىش ھېيتىغا بېرىشنى رەت قىلغان باشقا ئەللەرگە تەگكەن ۋابا بىلەن ئۇلارغىمۇ زەربە بېرىلىدۇ.

19 مانا بۇ كەپە تىكىش ھېيتىنى تەبرىكلەشكە بارمىغان مىسىرلىقلار ۋە باشقا ئەللەرگە بېرىلىدىغان جازادۇر.

20 ئۇ كۈن كەلگەندە، ئاتلارنىڭ يۈگەنلىرىدىكى قوڭغۇراقلارغا «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر ئويۇلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئادەتتىكى قازانلار قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان داسلارغا ئوخشاش مۇقەددەس بولىدۇ.

21 يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى ھەربىر قازان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، مۇقەددەس بولىدۇ. ئىبادەت قىلىشقا كەلگەنلەر قۇربانلىقلىرىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق قاچىنى ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئەسلا سودا-سېتىق بولمايدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan