Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

تىتۇسقا يېزىلغان خەت 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


توغرا تەلىمگە لايىق ياشاش

1 تىتۇس، ئېتىقادچىلارغا توغرا تەلىمگە لايىق ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك.

2 ياشانغان ئەرلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېسىل پەزىلەتلىك، سالماقلىق، ئېتىقادتا ساپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سەۋر-تاقىتى تولۇپ تاشقان بولۇشقا چاقىرغىن.

3 شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن.

4 بۇنىڭ بىلەن، بۇ ئاياللار ياش ئاياللارغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارغا ئۆز ئەرلىرىگە ۋە بالىلىرىغا كۆيۈنۈش،

5 ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشلارنى ئۆگىتەلەيدىغان بولسۇن. ياش ئاياللار شۇنداق ياشىسا، خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.

6 ياش ئەرلەرنىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇشقا چاقىرغىن.

7 ئۆزۈڭمۇ ھەرقانداق ئىشتا ياخشى ئەمەلىيىتىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بول. پاك نىيەت، سالماقلىق،

8 ھەمدە باشقىلار قۇسۇر تاپالمايدىغان توغرا سۆزلەر بىلەن تەلىم بەرگىن. بۇنىڭ بىلەن، بىزگە قارشى چىققۇچىلار يامان گېپىمىزنى قىلىشقا سەۋەب تاپالماي ئۇيالسۇن.

9-10 قۇللارغا ھەرقانداق ئىشتا خوجايىنلىرىغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەممە ئىشتا ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خوجايىنلىرىنى رازى قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار باشقىلارنى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا توغرىسىدىكى تەلىملەرگە ھەر جەھەتتىن جەلپ قىلالايدۇ.

11 سەۋەبى، خۇدانىڭ بارلىق ئىنسانلارنى قۇتقۇزىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى.

12 بۇ مېھىر-شەپقەت بىزنى گۇناھكارلىقنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ پانىي دۇنيادا توغرا، خۇداغا ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ياشاشقا يېتەكلەيدۇ.

13 بىز ئۇلۇغ خۇدا بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن قايتا كېلىشىدىن ئىبارەت مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز.

14 ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.

15 سەن بۇ تەلىملەرنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۆگەت. ئۇلارغا ئىلھام بەر ھەم پۈتۈن ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تۈزەت. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan