نەزمىلەر شاھى 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقىز: 1 ئېھ، قانداق ياخشى بولار ئىدى، ئېمىلداش ئاكامدەك بولغان بولساڭ، ھېيىقماستىن سۆيسەم ئىدىم سېنى كوچىدا ئۇچراپ قالساڭ، ھېچكىممۇ ئەيىبلەپ يۈرمەيتتى مېنى. 2 باشلاپ كىرىپ سېنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئانام مېنى تەربىيەلىگەن شۇ يەرگە، ئىچكۈزەتتىم ساڭا مۇسەللەستىن، ئانار شەربەتلىرىدىن. 3 بېشىم ئاستىدا ئۇنىڭ سول قولى، ئوڭ قولىدا قۇچاقلار مېنى. 4 ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى. ئالتىنچى بۆلەك يېرۇسالېم قىزلىرى: 5 كىم ئۇ قىز، چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان، يۆلىنىپ يارىغا؟ ئويغاتتىم سېنى ئالما دەرىخى ئاستىدا، ئاناڭ تولغاق يەپ شۇ يەردە، تۇغقانىدى سېنى شۇ جايدا. قىز: 6 قولۇڭدىكى مۆھۈر ئۈزۈكتەك، مۆھۈرلىۋال مېنى قەلبىڭگە. مۇھەببەت كۈچلۈكتۇر ئۆلۈمدەك، ئىشق مۇستەھكەمدۇر لەھەتتەك. سۆيگۈنىڭ ئۇچقۇنلىرى كۆيدۈرەر ئوتتەك، قۇدرەتلىك يالقۇندەك. 7 سۆيگۈنى ئۆچۈرەلمەس ئۇلۇغ سۇلار، چۆكتۈرەلمەس ئۇنى توپانلار. ئەگەر بىركىم ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسە بايلىقىغا، ئاخىر ئۆزى مەسخىرىگە قالار. قىزنىڭ ئاكىلىرى: 8 بار كىچىك بىر سىڭلىمىز، تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن. سوراپ كىرسە ئەلچىلەر، بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟ 9 ئەگەر ئۇ بىر سېپىل بولسا، كۈمۈش مۇنار تىكلەپ ئۇنى قوغدايلى، ئەگەر بولسا ئۇ بىر دەرۋازا، كېدىر ياغىچى بىلەن ئۇنى توسايلى. قىز: 10 ئەسلى مەن بىر سېپىل ئىدىم، مۇناردەك ئىدى كۆكرەكلىرىم، مەندىن خۇرسەن ئىدى يىگىتىم. 11 بائال-خاموندا بار ئىدى سۇلايماننىڭ ئۈزۈمزارلىقى، ئۈزۈمزارلىقىنى بەردى ئۇ ئىجارىگە، ئۇلار ھوسۇلىدىن بەرمەكچى بولۇشتى مىڭ كۈمۈش تەڭگە. 12 مىڭ تەڭگە تەۋە بولسۇن سۇلايمانغا، ئىككى يۈز تەڭگە باققۇچىغا. مېنىڭ ئۈزۈمزارىم ئۆزۈمنىڭكىدۇر. يىگىت: 13 ئەي باغدا ئولتۇرغان قىز، دوستلىرىم تەقەززادۇر ئاۋازىڭنى ئاڭلاشقا، ئىنتىزارمەن مەنمۇ ھەم ئاۋازىڭنى تىڭشاشقا. قىز: 14 ئى ئاشىقىم، چاپسان كەلگىن يېنىمغا، خۇددى جەرەن، كېيىك كەبى قىيغىتىپ، يېتىپ كەلگىن خۇش پۇراقلىق تېغىمغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti