Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەزمىلەر شاھى 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يىگىت:

1 ئى مەلىكەم، نەقەدەر گۈزەل-ھە، كېپىش كىيگەن پۇتلىرىڭ، گۆھەردۇر يۇمىلاق يانپېشىڭ، ئۇ بىر گۈزەل ئەسىرىدۇر ئۇستا سەنئەتكارنىڭ.

2 كىندىكىڭ ئوخشار گويا شاراب جامىغا، خۇشبۇي مەيلەر لىقمۇلىق تولدۇرۇلغان. قورساقلىرىڭ خۇددى بۇغداي دۆۋىسىدەك، باشتىن بوي قىزىلگۈلگە ئورالغان.

3 ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك، ئىككى جەرەن بالىسىغا.

4 بوينۇڭ گويا پىل چىشى مۇنارىدۇر، كۆزلىرىڭ خۇددى باترابىم دەرۋازىسى يېنىدىكى خەشبۇن كۆلچىكىدۇر. قاڭشىرىڭ گويا دەمەشققە قاراپ تۇرغان لىۋان مۇنارىدۇر.

5 بېشىڭ گويا قەد كۆتۈرگەن كارمەل تېغى، دولقۇنلىغان قارا چېچىڭ يالتىراق دۇردۇن كەبى، گۈزەللىكىڭ ئەسىر قىلار ھەتتا شاھنىڭ قەلبىنى.

6 نەقەدەر ئوماق، گۈزەلسەن جېنىم، سۆيۈنۈش تاپىمەن سەندىن ئامرىقىم.

7 قامىتىڭ ئوخشار خۇددى خورما دەرىخىگە، كۆكسۈڭ ئوخشار ئۇنىڭ غوژمەك مېۋىلىرىگە.

8 چىقىپ خورما دەرىخىگە، تۇتسام دەيمەن ئۇنىڭ غۇژمەك مېۋىلىرىنى. بىلىمەن ئۈزۈم ساپلىرى دەپ كۆكسۈڭنى، پۇرىسام لەززەتلىك ئالما كەبى نەپىسىڭنى.

9 شېرىندۇر ئېسىل شاراب كەبى لەۋلىرىڭ. سۆيۈملۈكۈم شاراب ئاقسۇن ئىچىمىزگە، شىلدىرلاپ لېۋىمىزدىن لېۋىمىزگە.


قىز:

10 مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇنىڭ ئىشتىياقى باردۇر ماڭا.

11 ئى ئاشىقىم، كەل، ئېتىزلارغا بارايلى، يېزىلاردا قونۇپ قالايلى.

12 سەھەر تۇرۇپ، سەيلە قىلايلى ئۈزۈمزار ئارا، كۆرۈپ كېلەيلى ئۈزۈم تاللىرى بىخلاپتىمۇ، گۈللەر ئېچىلىپتىمۇ، ئانارلار چېچەكلەپتىمۇ، مەن شۇ يەردە سۆيگۈمنى بېرەي ساڭا.

13 ھىدى كېلەر دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئىشىكىمىز ئۈستىگە تىزىپ قويدۇق مېۋىلەرنى، مېۋىلەرنىڭ باردۇر كونا ۋە يېڭىلىرى، ئى ئاشىقىم، ساقلىدىم ساڭا ئۇلارنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan