نەزمىلەر شاھى 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيىگىت: 1 ئېھ گۈزەل سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۈرسەن نېمانچە! كەپتەر كەبى گۈزەل كۆزلۈكۈم، كۆردۈم سېنىڭ كۆزلىرىڭنى چۈمبىلىڭنىڭ كەينىدە. گىلئاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك، دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە. 2 چىشلىرىڭ بىر توپ قويدۇر يېڭى قىرقىپ، يۇيۇلغان، كەم-كۈتىسىز جۈپ-جۈپ بولۇپ، قاتىرىغا تىزىلغان. 3 نەقەدەر گۈزەل سېنىڭ ئېغىزلىرىڭ، لەۋلىرىڭ گويا قىپقىزىل يىپەك رەختتەك. چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك. 4 بوينۇڭ ئوخشار داۋۇتنىڭ مۇنارىغا، نامايان قىلغاندۇر ئۇ شەرىپىڭنى. مىڭلىغان قالقان ئېسىلغاندۇر ئۇنىڭغا، باتۇرلارنىڭ قورالىدۇر ھەممىسى. 5 ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك، ئىككى جەرەن بالىسىغا، ئوتلاپ يۈرگەن ياۋا گۈللەر ئارىسىدا. 6 تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە، چىقىپ تۇراي مۇرمەككى تېغىغا، خۇش پۇراققا تولغان دۆڭلەرگە. 7 ئى ئامرىقىم، گۈزەلدۇرسەن نەقەدەر، سەندە يوقتۇر ھېچبىر نۇقسان، قۇسۇر. 8 ئى مەھبۇبەم، بىللە كېتەيلى لىۋاندىن، مەن بىلەن بىللە كەتكىن بۇ يەردىن، ئاماناھ، سىنىر، خەرمون چوققىلىرىدىن، شىر ۋە يىلپىزلارنىڭ ئوۋىلىرىدىن. 9 يۈرىكىمنى ئەسىر قىلدىڭ قېرىندىشىم، لەپ قىلىپ ماڭا بىر قارىشىڭدا. مەپتۇن قىلدىڭ كۆڭلۈمنى مەھبۇبەم، بوينۇڭدىكى مارجىنىڭنىڭ دانىسىدا. 10 ئى قېرىندىشىم، نەقەدەر شېرىن مۇھەببىتىڭ، ئى مەھبۇبەم، شارابتىنمۇ شېرىندۇر شۇنچە. ھېچبىر خۇشبۇي پۇرىماس سەن ئىشلەتكەن ئەتىرچە. 11 لەۋلىرىڭ بالدۇر جېنىم، گويا ھەرە كۆنىكىدەك، خۇددى تىلىڭنىڭ ئاستىغا قايماق، ھەسەل يوشۇرغاندەك. ئېگىنلىرىڭ پۇراقلىقتۇر خۇددى لىۋاننىڭ خۇش پۇرىقىدەك، 12 پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن قېرىندىشىم، ئېتىك قۇدۇق، يېپىقلىق بۇلاقتۇرسەن مېنىڭ جېنىم. 13 بېھىشتەك بىر باغدۇرسەن ئانىرى بولغان، ئېسىل مېۋە، خېنە، سۇمبۇل، 14 زەپەر، پۇراقلىق ئېگىر، قوۋزاقدارچىن، ھەر خىل خۇشبۇي دەرەخلەر، مۇرمەككى، مۇئەتتەرلەر ۋە ئەڭ ئېسىل ئىسرىقلارغا لىق تولغان. 15 باغدىكى بۇلاقتۇرسەن سۇلىرى ساپ، ئاقىسەن لىۋان تاغلىرىدىن شارقىراپ. قىز: 16 ئويغان، ئەي شىمال شامىلى، سەنمۇ كەل، ئەي جەنۇب شامىلى، ئۇچۇپ ئۆتسەڭ ئەگەر ئۈستۈمدىن، چېچىلار باغچامدىن خۇش پۇراق. ئاشىقىم كېلىپ ئۆز بېغىغا، يېسۇن ئېسىل مېۋىلىرىنى باغلاپ ئىشتىياق. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti