Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەزمىلەر شاھى 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئورنۇمدا يېتىپ، كېچىچە ئىنتىزار بولدۇم ئاشىقىمغا، لېكىن ئۇ كەلمىدى ئۆيۈمگە.

2 ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئايلىناي شەھەرنى، ئارىلاپ ھەممە كوچا، مەيداننى، ئىزدەي ئەمدى ئاشىقىمنى. شۇنچە ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم زادىلا ئۇنى.

3 جېسەكچىلەر مېنى كۆرۈپ توختىدى، سورىدىم مەن ئۇلاردىن: _ كۆردۈڭلارمۇ ئاشىقىمنى؟

4 ئۇلاردىن ئايرىلىپلا تاپتىم ئاشىقىمنى. قويۇپ بەرمىدىم قۇچاقلاپ ئۇنى، تاكى ئەكىرمىگۈچە ئانامنىڭ ئۆيىگە _ ماڭا ھامىلىدار بولغۇچىنىڭ خانىسىگە.

5 ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئويغاتماڭلار دالىدىكى مارال ۋە جەرەنلەرنى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.


ئۈچىنچى بۆلەك: توي كۈنى يېرۇسالېم قىزلىرى:

6 كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ، مۇرمەككى ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ، ئىپار-ئەنبەر كاراۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟

7 قاراڭلار، ئۇ سۇلايماننىڭ تەختىراۋانىدۇر، ئۇنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئاتمىش پالۋان ئىسرائىللارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر باتۇرلىرىدۇر.

8 ئۇلارنىڭ ھەممىسى يانلىرىغا قىلىچ ئاسقان، قىلىچ بىلەن جەڭ قىلىشقا ماھىرلاردۇر. كېچىدىكى تاسادىپىي تەھدىتلەرگە ئۆتكۈر قىلىچى بىلەن تەيياردۇر.

9 سۇلايمان ياساتقان بۇ تەختىراۋان، لىۋاننىڭ ياغاچلىرىدىن ياسىلىپتۇ.

10 ئۇنىڭ خادىلىرى كۈمۈشتىن، يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن ياسىلىپتۇ. سۆسۈن رەختتىن سېلىنچا سېلىنىپ، ئىچى يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن مۇھەببەت بىلەن بېزىلىپتۇ.

11 ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، چىقىپ قاراپ بېقىڭلار سۇلايمان پادىشاھقا! تۇرىدۇ ئۇ، تويى بولغان، كۆڭلى شادلانغان، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيدۈرگەن كۈنىدىكى قىياپەتتە.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan