Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

نەزمىلەر شاھى 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ نەزمە سۇلايمانغا مەنسۇپتۇر، نەزمىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل نەزمىدۇر.


بىرىنچى بۆلەك قىز:

2 ئوتلۇق لەۋلىرىڭدە سۆيگىن سەن مېنى، شارابتىن شېرىن بىلىمەن مۇھەببىتىڭنى.

3 ئەتىرىڭدىن چېچىلار خۇش پۇراقلار، شۆھرىتىڭ پۇراقلىق مايدەك تارقىلار، شۇڭا سېنى سۆيىدۇ قىزلار.

4 يۈر، قاچايلى، ئېلىپ كەت مېنى، ئېھ پادىشاھىم، ئېلىپ كىرگىن ھۇجراڭغا مېنى. ئى پادىشاھىمىز، شادلىنىمىز خۇشال بولۇپ سېنىڭدىن، سۆيگۈڭنى تەرىپلەيمىز ئارتۇق شارابتىن. ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر قىزلارنىڭ سېنى سۆيۈشى، ھەقلىقتۇر ئۇلارنىڭ ساڭا ئاشىق بولۇشى.


يېرۇسالېم قىزلىرى: قىز:

5 ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، گۈزەلدۈرمەن قارا بولساممۇ، قېدار خەلقىنىڭ چېدىرلىرىدەك قارا بولساممۇ، چىرايلىقمەن سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك.

6 ھەيران بولماڭلار ئۆڭۈمگە قاراپ، قارىلىقىمدىن قارىمايسىلەر بەلكىم ماڭا، چۈنكى تېرىلىرىم كۆيگەندۇر ئاپتاپتا. ئاچچىقلىنىپ ماڭا ئاكىلىرىم، ئىشلەتتى مېنى ئۈزۈمزارلىقتا، پۇرسەت بەرمەي قاراشقا ئۆز بېغىمغا.

7 ئەي سۆيۈملۈكۈم، ئېيتقىنە ماڭا، قويلىرىڭنى ئوتلىتىسەن قەيەردە؟ قەيەردە دەم ئالدۇرىسەن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە؟ ئېيتمىساڭ، ئىزدەيمەن سېنى ئۇياتسىز ئاياللاردەك چۈمپەردە تارتىپ يۈزۈمگە. دوستلىرىڭنىڭ پادىلىرى ئوتلىغان يەرلەردە.


يىگىت:

8 ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئەجەبا، بىلمەمسەن ئۇ يەرنى؟ ئۇنداقتا پادامنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، پادىچىلار چېدىرىنىڭ يېنىدا باققايسەن ئۆچكىلىرىڭنى.

9 ئېھ ئامرىقىم، ئوخشايسەن پىرئەۋننىڭ جەڭ ئاتلىرى ئارىسىدىكى بايتالغا.

10 نەقەدەر گۈزەل ھالقىلىرىڭ جۇلاسىدىكى مەڭزىلىرىڭ، نەقەدەر چىرايلىق ئۈنچە-مارجان ئاسقان بويۇنلىرىڭ.

11 مەن ساڭا كۈمۈشتىن كۆزلەر قويۇلغان، ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت ياساپ بېرىمەن.


قىز:

12 پادىشاھىم يانپاشلاپ ياتقىنىدا، خۇشبۇي بۇيۇملىرىم ھىدىنى چاچاتتى ئەتراپىدا.

13 سۆيۈملۈكۈم مۇرمەككىدەك گويا، قونۇپ قالار كۆكسۈلىرىم ئارىسىدا.

14 قەدىرلىكىم خېنە گۈلىدۇر گويا، ئېچىلغان ئېنگەدى ئۈزۈمزارلىقىدا.


يىگىت:

15 ئېھ ئامرىقىم، چىرايلىقسەن نەقەدەر، گۈزەلدۇر كۆزۈڭ كەپتەر كەبى شۇ قەدەر.


قىز:

16 ئېھ جانانىم، سەن نەقەدەر قامەتلىك، سەن نەقەدەر سۆيۈملۈك، سېلىنچىمىزدۇر يېشىل چىمەنلىك.

17 كېدىردىن ياسالغاندۇر ئۆگزىمىزنىڭ لىملىرى، قارىغاي ياغىچىدۇر ئۇنىڭ ۋاسىلىرى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan