رۇت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىبوئازنىڭ رۇتنى نىكاھىغا ئېلىشى 1 بۇ ئارىدا بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئېيتقان ئەلىمەلەكنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمۇ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بوئاز ئۇنىڭغا: _ بۇرادەر، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرغىن! _ دەپ چاقىردى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى. 2 بوئاز يەنە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون نەپىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بۇ يەردە ئولتۇرغۇزدى. كۆپچىلىك ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، 3 ئۇ ھېلىقى تۇغقىنىغا: _ بۇرادىرىمىز ئەلىمەلەكنىڭ ئايالى نائومى موئابتىن قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنىنى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. 4 شۇڭا سېنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرمەكچىدىم. ئەگەر سەن بۇ يەرنى ئېلىشنى خالىساڭ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئاقساقاللار ۋە جامائەت ئالدىدا ئالغىن. ئەگەر ئېلىشنى خالىمىساڭ، ئوچۇق ئېيتقىن. بۇنى مېنىڭ بىلىشىم كېرەك، چۈنكى ئالدى بىلەن سېنىڭ ئېلىش ھوقۇقۇڭ بار. ئاندىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كېلىدۇ، _ دېدى. ھېلىقى تۇغقىنى: _ ئالىمەن، _ دېدى. 5 بوئاز ئۇنىڭغا: _ خوپ! ئەگەر سەن ئۇ زېمىننى نائومىدىن ئالساڭ، مەرھۇم ئوغلىنىڭ موئابلىق تۇل خوتۇنى رۇتنىمۇ ئەمرىڭگە ئېلىشىڭ ھەم مەرھۇمنىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرۇپ، ئەۋلادىغا بۇ يەرنى مىراس قالدۇرۇشۇڭ شەرت، _ دېدى. 6 ئۇ كىشى: _ ئۇنداقتا بۇ يەرنى ئېلىش ھوقۇقۇمدىن ۋاز كېچىمەن، چۈنكى بالىلىرىمغا قالىدىغان مىراس بۆلۈنۈپ كېتىدىكەن. سەن ئالغىن! مەن ئالالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 7 ئەينى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مال-مۈلۈك، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا مۇنداق بىر ئادەت بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ساتقۇچى ئۆز كەشىنى يېشىپ، ئالغۇچىغا بېرەتتى. ئۇلار سودا-سېتىقنىڭ پۈتكەنلىكىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەيتتى. 8 شۇڭا ئۇ كىشى بوئازغا: _ سەن ئالغىن! _ دەپ كەشىنى سېلىپ، بوئازغا بەردى. 9 بوئاز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللار ھەم جامائەتكە: _ ئەي جامائەت، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن ھەممىڭلار گۇۋاھ بولۇڭلار. مەن نائومىدىن ئەلىمەلەكنىڭ مىراسىنى، يەنى كىليون بىلەن ماخلونغا تەۋە بولغان يەر-زېمىنلارنى ئۆزۈمنىڭ ئىلكىمگە ئالىمەن. 10 شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ۋارىس قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ نامىنىڭ بۇرادەرلىرى ئارىسىدا، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىدا ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇم ماخلوننىڭ ئايالى موئابلىق رۇتنىمۇ ئەمرىمگە ئالىمەن. بۈگۈن سىلەر بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولغايسىلەر، _ دېدى. 11 دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئاقساقاللار ۋە جامائەت: _ شۇنداق، بىز گۇۋاھدۇرىمىز. پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئاياللىرى راھىلە بىلەن لېياھقا نۇرغۇن پەرزەنت بەرگىنىدەك، خوتۇنۇڭ رۇتقىمۇ كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلغاي. ئەفراتادا باي بولغايسەن، بەيتلەھەمدە ئىززەت-ئابرۇي تاپقايسەن. 12 پەرۋەردىگار بۇ ياش ئايالدىن ساڭا نۇرغۇن ئەۋلاد ئاتا قىلغاي، ئۇرۇق-جەمەتىڭنى تامارنىڭ يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى پەرەسنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش ئاۋات قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلىشتى. پادىشاھ داۋۇت بوئاز بىلەن رۇتنىڭ ئەۋلادىدۇر 13 شۇنداق قىلىپ، بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلار بىر تەكىيىگە باش قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى بىلەن رۇت ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 14 شەھەردىكى ئاياللار نائومىغا: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ بۈگۈن سىزگە تايانچ بولىدىغان بىر نەۋرە ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلىيەدە ئىززەت-ئابرۇي تاپسۇن. 15 سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى. 16 نائومى بۇ بالىنى قولىغا ئېلىپ، باغرىغا چىڭ باستى ۋە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. 17 قوشنا ئاياللار بەس-بەستە: _ نائومى بىر ئوغۇل نەۋرىلىك بولدى! _ دېيىشىپ، بالىغا ئوبېد دەپ ئات قويدى. ئوبېد يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاتىسى ئىدى. 18 پەرەستىن داۋۇتقىچە بولغانلارنىڭ نەسەبنامىسى: پەرەس خەزروننىڭ ئاتىسى، 19 خەزرون رامنىڭ ئاتىسى، رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، 20 ئاممىناداب ناخشوننىڭ ئاتىسى، ناخشون سالموننىڭ ئاتىسى، 21 سالمون بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز ئوبېدنىڭ ئاتىسى، 22 ئوبېد يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي داۋۇتنىڭ ئاتىسىدۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti