Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

رۇت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


رۇتنىڭ بوئاز بىلەن كۆرۈشۈشى

1 بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، نائومى كېلىنى رۇتقا: _ ھەي قىزىم، مەن ساڭا باشپاناھ بولىدىغان بىر ئەر تاپاي، سەن ئەمدى ئۆي-ئوچاقلىق بولغىن.

2 سەن ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئېتىزىدا ئىشلىگەن بوئازنىڭ بىزگە تۇغقان ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ. سۆزۈمنى ئاڭلىغىن! بۈگۈن كەچتە ئۇ خاماندا ئارپا سوقىدۇ.

3 سەن ئۈستى-بېشىڭنى يۇيۇپ، ئۆزۈڭگە خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى چېچىپ، چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا بارغىن. لېكىن ئۇ سېنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىڭنى بىلمىسۇن. ئۇ ئالدى بىلەن يەپ-ئىچىپ تويسۇن.

4 ئۇنىڭ ياتىدىغان يېرىنى كۆرۈۋالغىن. ئۇ يېتىپ بولغاندا، چاندۇرماي بېرىپ، يوتقىنىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە يېتىۋالساڭ، ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، _ دېدى.

5 _ سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇنى قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى رۇت.

6 شۇنىڭ بىلەن رۇت خامانغا بېرىپ، قېيىنانىسىنىڭ دېگىنىدەك قىلدى.

7 بوئاز يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلى ئازادە بولۇپ راھەتلەندى ۋە خامان دۆۋىسىنىڭ كەينىدە يېتىپ، ئۇيقۇغا كەتتى. رۇت شەپە چىقارماي، بوئازنىڭ يوتقىنىنىڭ ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى.

8 تۈن يېرىم بولغاندا، بوئاز تۇيۇقسىز ئويغىنىپ ئولتۇردى. ئۇ ئاياغ تەرىپىدە بىر ئايالنىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇپ:

9 _ سەن كىم؟ _ دەپ سورىدى. _ بۇ مەن رۇت، خىزمەتكارىڭىز. سىز مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىڭىز بولغان يېقىن تۇغقىنىم. شۇڭا سىز قانىتىڭىزنى ماڭا سايە قىلىپ، مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز! _ دېدى رۇت.

10 بوئاز ئۇنىڭغا: _ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلسۇن! سېنىڭ ھازىر ئېرىڭنىڭ جەمەتىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقىتىڭ بۇرۇن كۆرسەتكەن ساداقىتىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر. چۈنكى سەن پۇلى بولسۇن-بولمىسۇن بىر ياشنى تاپالايتتىڭ، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىڭ.

11 قىزىم، غەم قىلمىغىن! سېنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن، چۈنكى شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بىر ياخشى ئايال ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ.

12 مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ يېقىن تۇغقىنىڭ، بىراق بىلگىنكى، ساڭا مەندىنمۇ يېقىن يەنە بىر ئادەم بار.

13 بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قالغىن. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئەمرىگە ئالسا ياخشى، بۇ ئىش شۇنداق بولسۇن. ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى.

14 رۇت ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياتتى. لېكىن تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى بوئاز ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.

15 بوئازمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا: _ مۈرەڭدىكى يېپىنچاڭنى ئېلىپ، ئېچىپ تۇتۇپ تۇرغىن، _ دېدى. ئۇ شۇنداق قىلدى. بوئاز ئۇنىڭغا بىر خالتا كەلگۈدەك ئارپىنى ئۇسۇپ، مۈرىسىگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆزى شەھەرگە كەتتى.

16 رۇت ئۆيىگە قايتىپ بارغىنىدا، قېيىنئانىسى ئۇنىڭدىن: _ ئىشلىرىڭ قانداق بولدى، قىزىم؟ _ دەپ سورىدى. رۇت بوئازنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى قېيىنئانىسىغا ئېيتىپ بەردى.

17 _ ئۇ مېنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا قۇرۇق قول قايتمىسۇن دەپ، بۇ يېپىنچىدىكى ئارپىنى بەردى، _ دېدى رۇت.

18 نائومى ئۇنىڭغا: _ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى چىققۇچە، بۇ جايدا ساقلاپ تۇرغىن. بوئاز بۈگۈن بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزمەي بولدى قىلمايدۇ، _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan