رۇت 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىرۇتنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا باشاق تېرىشى 1 نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بوئاز ئىسىملىك باي ھەم ئابرۇيلۇق بىر تۇغقىنى بار ئىدى. 2 بىر كۈنى رۇت نائومىغا: _ ئېتىزغا بېرىپ باشاق تېرىشىمگە ماقۇل بولسىڭىز، ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىدىغان بىرەر ئادەمنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، باشاق تېرەي، _ دېدى. _ مەيلى، بارغىن قىزىم، _ دېدى نائومى. 3 رۇت ئېتىزغا بېرىپ، ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، چېچىلىپ كەتكەن ئارپا باشاقلىرىنى تەردى. بۇ ئېتىز دەل بوئازنىڭ ئىدى. 4 رۇت ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقاندا، بوئاز بەيتلەھەمدىن كەلدى. ئۇ ئورمىچىلارغا: _ پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولغاي! _ دەپ سالام بەردى. _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! _ دەپ سالام قايتۇردى ئۇلارمۇ. 5 بوئاز ئورمىچىلارغا مەسئۇل كىشىدىن: _ ئاۋۇ كىمنىڭ قىزى ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. 6 ئۇ: _ ئۇ موئابلىق قىز ئىكەن، نائومى بىلەن بىرگە موئابتىن كەپتۇ. 7 ئۇ مەندىن ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئارپا باغلىرىدىن چۈشۈپ قالغان باشاقلارنى تېرىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. سەھەردىن بېرى تېرىۋاتىدۇ، كەپىدە پەقەت بىرئاز ئارام ئالدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. 8 بوئاز رۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ ئەي قىزىم، گېپىمگە قۇلاق سالغىن! باشقىلارنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ باشاق تېرىش خىيالىدا بولمىغىن. بۇ يەردە ئايال خىزمەتكارلىرىمنىڭ قېشىدا تەرگىن. 9 ئورمىچىلار قەيەردە ئورما ئورسا، سەن ئاياللار بىلەن بىرگە شۇ يەرگە بارغىن. ئەر ئورمىچىلىرىمغا سېنى بوزەك قىلماسلىقنى تاپىلايمەن. ئۇسسىساڭ، ئۇلار توشقۇزۇپ قويغان كومزەكلەردىن سۇ ئېلىپ ئىچكىن، _ دېدى. 10 رۇت بوئازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ: _ نېمىشقا مەندەك بىر مۇساپىرغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىسىز؟ _ دېدى. 11 بوئاز ئۇنىڭغا: _ سەن تۇل قالغاندىن كېيىن، قېيىنئاناڭغا ۋاپادار بولغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ۋە يۇرتۇڭدىن ئايرىلىپ، بۇ يات خەلق ئىچىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىڭدىن تولۇق خەۋىرىم بار. 12 قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى. 13 رۇت ئۇنىڭغا: _ خوجام، سىز ماڭا شۇنچە كۆپ ئىلتىپات كۆرسەتتىڭىز، گەرچە مەن سىزنىڭ خىزمەتكارلىرىڭىزدىن بولمىساممۇ، ماڭا شۇنداق مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردىڭىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. 14 تاماق ۋاقتى بولغاندا، بوئاز رۇتقا: _ قېنى كەلگىن، نانغا ئېغىز تەگكىن. ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يېگىن، _ دېدى. رۇت ئورمىچىلار بىلەن بىللە ئولتۇردى. بوئاز ئۇنىڭغا قوماچتىن ئېلىپ بەردى. ئۇ تويغۇچە يېدى ۋە ئاشۇرۇپ قويدى. 15 رۇت ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە باشاق تەرگىلى كەتكەندە، بوئاز ئەر ئورمىچىلىرىغا: _ ئۇ باغلانغان باغلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ تەرسىمۇ توسماڭلار ۋە كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار. 16 ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن باغلاردىن ئازراق سۇغۇرۇپ چىقىرىپ قويۇڭلار. ئۇنى ئەيىبلىمەڭلار، _ دەپ تاپىلىدى. 17 شۇنىڭ بىلەن رۇت كەچ كىرگۈچە ئېتىزدا باشاق تەردى. ئۇ تېرىپ كەلگەن ئارپا باشاقلىرىنى سوقۇۋىدى، يېرىم خالتىدەك دان چىقتى. 18 رۇت ئارپىسىنى كۆتۈرۈپ، شەھەرگە قايتىپ كەلدى ۋە قېيىنئانىسىغا قانچىلىك ئارپا تەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەم ئېشىپ قالغان تامىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. 19 نائومى ئۇنىڭغا: _ بۇنچىۋالا كۆپ ئارپىنى قەيەردىن تېرىپ كەلدىڭ؟ سەن كىمنىڭ ئېتىزىدا ئىش قىلدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە خۇدا رەھمەت قىلسۇن! _ دېدى. رۇت قېيىنئانىسىغا ئۆزىنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. 20 نائومى روھلانغان ھالدا: _ بىزگە ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىمىزگە ئۆز مەرھەمىتىنى كۆرسەتكەن بوئازغا پەرۋەردىگار زور بەخت ياغدۇرسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يەنە: _ ئۇ كىشى بىزنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە قاراش مەسئۇلىيىتى بار، _ دېدى. رۇت: 21 _ ئۇ يەنە مېنىڭ تاكى ئورما ئاياغلاشقۇچە ئۆز ئورمىچىلىرىنىڭ كەينىدىن باشاق تېرىشىمگە رۇخسەت بەردى، _ دېدى. 22 نائومى كېلىنىگە: _ قىزىم، شۇنداق قىلغىن! بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگىن. ئەگەر باشقا كىشىلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا بارساڭ، سېنى بوزەك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى. 23 شۇنداق قىلىپ رۇت ئارپا، بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولغانغا قەدەر، بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە باشاق تەردى. ئۇ قېيىنئانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋەردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti