Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

رۇت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەلىمەلەك ئائىلىسىنىڭ موئاب ئېلىگە بېرىشى

1-2 ئىسرائىللارغا سەردارلار يېتەكچىلىك قىلغان چاغلاردا، ئىسرائىل زېمىنىدا قەھەتچىلىك يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان ئەلىمەلەك ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خوتۇنى نائومى ۋە ئوغۇللىرى ماخلون بىلەن كىليوننى ئېلىپ، موئاب ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالىدۇ.

3-4 ئۇلار ئۇ يەردە ئون يىلچە ياشايدۇ. بۇ جەرياندا ئەلىمەلەك ئالەمدىن ئۆتۈپ، نائومى ئىككى ئوغلى بىلەن قالىدۇ. ئىككى ئوغلى موئابلىق قىزلاردىن ئورپاھ ۋە رۇتلارغا ئۆيلىنىدۇ.

5 كېيىن ماخلون ۋە كىليونلارمۇ ۋاپات بولۇپ، نائومى پەرزەنتسىز ھەم تۇل بولۇپ قالىدۇ.


نائومى بىلەن رۇتنىڭ بەيتلەھەمگە قايتىپ كېلىشى

6 نائومى موئابتا تۇرغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۇرتىغا قايتماقچى بولىدۇ.

7 ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن تۇرۇۋاتقان ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قاراپ يولىدا كېتىۋاتقاندا،

8 ئىككى كېلىنىگە: _ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىدىڭلار، شۇڭا سىلەرگىمۇ پەرۋەردىگار ياخشىلىق ئاتا قىلغاي.

9 پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ يەنە نىكاھلىنىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، تىنچ-ئامان ياشىشىڭلارغا نېسىپ قىلغاي، _ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى، لېكىن ئىككى كېلىن:

10 _ ياق، بىز سىز بىلەن بىرگە خەلقىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىمىز، _ دەپ ئۈن سېلىپ، يىغلىشىپ كېتىشتى.

11 بىراق نائومى: _ قىزلىرىم، قايتىپ كېتىڭلار! نېمىشقا مەن بىلەن كېتىسىلەر؟ ئويلاپ بېقىڭلار، مەن يەنە سىلەرگە ئەر بولىدىغان ئوغۇل تۇغالامدىمەن؟

12 قايتىپ كېتىڭلار، قىزلىرىم، مېڭىڭلار! مېنىڭ يېشىم نىكاھلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى. نىكاھلىنىشىمغا ئازراق ئۈمىدنىمۇ بار دەيلى، مەن بۈگۈنلا بىرسىگە تېگىپ، ئوغۇللۇق بولدۇممۇ دەيلى،

13 سىلەر ئۇ ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكۈچە كۈتۈپ تۇرالامسىلەر؟ سىلەر باشقا ئەرگە تەگمەي ئۇلارنى كۈتەلەمسىلەر؟ ياق، قىزلىرىم، بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! مېنى پەرۋەردىگار ئۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان شور پېشانىلىكنىڭ دەردىنى سىلەر تارتساڭلار بولمايدۇ، _ دېدى.

14 ئۇلار يەنە قاتتىق يىغلاشتى. ئورپاھ قېيىنئانىسىنى سۆيۈپ قويۇپ، قايتىپ كەتتى. لېكىن رۇت قېيىنئانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى.

15 نائومى ئۇنىڭغا: _ كېلىن سىڭلىڭ ئورپاھ ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ئىلاھىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى. رۇت، سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قايتقىن! _ دېدى.

16 بىراق رۇت: _ مېنى سىزدىن تېنىشقا ۋە قېشىڭىزدىن كېتىشكە زورلىماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن. سىز نەدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سىزنىڭ خەلقىڭىز مېنىڭمۇ خەلقىم. سىزنىڭ خۇدايىڭىز مېنىڭمۇ خۇدايىم.

17 سىز قەيەردە ئۆلسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەرگە كۆمۈلىمەن. ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ئەگەر مەن بۇ قەسىمىمگە ئەمەل قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.

18 رۇتنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە كېتىشنى شۇنچىلىك كۈچلۈك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نائومى ئۇنى قايتا زورلىمىدى.

19 ئۇلار بىرلىكتە بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن شەھەر خەلقى ھاياجانغا چۆمدى. ئاياللار ئەجەبلىنىپ، بىر-بىرىگە: _ ئۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

20 نائومى: _ مېنى نائومى [مەنىسى «تاتلىق»] دېمەي، مارا [مەنىسى «ئاچچىق»] دەڭلار! _ دېدى. ئۇ يەنە ئۇلارغا: _ ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى شور پېشانە قىلدى.

21 مەن يۇرتۇمدىن كەتكىنىمدە بەختلىك ئىدىم، لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى. مېنى پەرۋەردىگار ئازابقا سالدى، ھەممىگە قادىر خۇدا بەختسىز قىلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە نېمىشقا مېنى نائومى دەپ ئاتايسىلەر!؟ _ دېدى.

22 شۇنداق قىلىپ، نائومى ۋە ئۇنىڭ موئابلىق كېلىنى رۇت موئابتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan