رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدا ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ 1 شۇڭا، سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشىڭ مۇمكىن. بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىسەنغۇ! ئۇنداقتا، سېنىڭ كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، خۇدا سوراق قىلىدىغان ئاشۇ كۈندە ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا باھانە كۆرسىتەلمەيسەن. چۈنكى، باشقىلار ئۈستىدىن مۇنداق ئىشلاردا ھۆكۈم قىلساڭ، ئۆز ئۈستۈڭدىمۇ شۇ ئىشلاردىن ھۆكۈم قىلغان بولىسەن. 2 بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمى ھەقتۇر. 3 بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭ، خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن، دەپ ئويلامسەن؟ 4 خۇدانىڭ ساڭا كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھرىبانلىقى، كەڭچىلىكى ۋە مول سەۋر-تاقىتىنى سەل چاغلاۋاتامسەن؟ ئۇنىڭ ساڭا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ سېنى توۋا قىلىدىغان يولغا باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ 5 گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن. 6 خۇدا ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، 7 ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ. 8 لېكىن، ھەقىقەتنى رەت قىلىپ، يامانلىققا ئەگەشكەن شەخسىيەتچىلەرگە ئۇ غەزەپ-نەپرەت ياغدۇرىدۇ. 9 خۇدا بارلىق يامانلىق قىلغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقى بولغان يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا ئېغىر كۈنلەر ۋە دەرد-ئەلەم كەلتۈرىدۇ. 10 بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلىدۇ. 11 چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. 12 تەۋرات قانۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە چۈشۈرۈلمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلسا، سوراققا تارتىلىدۇ. تەۋرات قانۇنى چۈشۈرۈلگەن يەھۇدىيلار بولسا ئۇنى پۇختا بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلارمۇ گۇناھ سادىر قىلسا، ئوخشاشلا سوراققا تارتىلىدۇ. 13 چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى بىلگەنلەر ئەمەس، بەلكى قانۇننىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ. 14 (تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، ئۇلار گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، بۇ قانۇن ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنىدەك بولىدۇ. 15 چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز قەلبىدە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلىشى بۇ قانۇننىڭ ئەمرلىرى قەلبىگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىجدانىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، توغرا قىلغاندا بولسا ئۇلارنى ئاقلايدۇ.) 16 مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەر بويىچە، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ. يەھۇدىيلار ۋە تەۋرات قانۇنى 17 ئۇنداقتا سەنچۇ، سەن ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەيسەن ۋە تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن خۇدا بىلەن يېقىن، دەپ ماختىنىسەن. 18 ساڭا تەۋرات قانۇنى ئۆگىتىلگەنلىكتىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىسەن ھەم ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتەلەيسەن. 19-20 تەۋرات قانۇنىدىكى ھەممە بىلىم ۋە ھەقىقەتلەرنى بىلىمەن دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى، قاراڭغۇدا قالغانلارنىڭ چىرىغى، نادانلارنىڭ يېتەكچىسى، گۆدەكلەرنىڭ ئۇستازى، دەپ ئۆزۈڭگە ئىشىنىسەن. 21 سەن باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ باشقىلارغا ئوغرىلىق قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟ 22 باشقىلارغا زىنا قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن بىزار بولۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلامسەن؟ 23 بىز يەھۇدىيلار تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولدۇق، دەپ ماختىنىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ دەل شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇدانىڭ نامىغا داغ كەلتۈرەمسەن؟ 24 خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.» 25 تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ قىلچىلىكمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، خەتنە قىلىنمىغان ئادەمدىن ھېچ پەرقىڭ قالمايدۇ. 26 شۇنىڭغا ئوخشاش، خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلسا، خۇدا تەرىپىدىن يەنىلا خەتنە قىلىنغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 27 سەن تەۋرات قانۇنىدىن خەۋەردار ھەم خەتنە قىلىنغان تۇرۇقلۇق، شۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىساڭ، جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر سېنى گۇناھكار، دەپ ئەيىبلىمەمدۇ؟ 28 پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشتە يەھۇدىي بولغاننىڭ ھەممىسىنىلا ھەقىقىي يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ. پەقەت جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنىشىغا قاراپلا، ئۇنى ھەقىقىي خەتنە دېگىلى بولمايدۇ. 29 قەلبىدە خۇدانىڭ يولىنى تۇتقان ئادەم ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىي خەتنىسى يازما قانۇنغا ئېسىلىۋېلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن قەلب ئارقىلىق بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن ماختىلىشقا سازاۋەر بولىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti