رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپاۋلۇسنىڭ سالىمى 1 كېنھېرىيە شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىمەن. 2 سىلەر ئۇنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەپ قاراپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىدە بولۇشقا تېگىشلىك قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر. ئۇنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ھەرقانداق ئېھتىياجىغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، شۇنىڭدەك ماڭىمۇ چوڭ ياردەم قىلغان. 3 ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىم پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر. 4 ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر. 5 ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدە بىرىنچى بولۇپ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان سۆيۈملۈك ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر. 6 سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر. 7 زىنداندا مەن بىلەن بىللە ياتقان يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىك ۋە يۇنىيەگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، تونۇلغان ئەلچىلەردۇر. 8 رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغان قەدىرلىك قېرىندىشىم ئامپىلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر. 9 ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىمىز ئۇربان ۋە قەدىرلىك ستاخىسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 10 سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئەيسا مەسىھكە باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 11 يەھۇدىي قېرىندىشىم ھىرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 12 رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىملارغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان قەدىرلىك دوستۇم پېرسىس خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. 13 رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە ئالاھىدە تونۇلغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەن ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر. 14 ئاسىنكرىت، فىلىگون، ھېرمىس، پاتروۋاس، ھېرمىس ۋە ئۇلار بىلەن دائىم جەم بولىدىغان قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 15 فىلولوگ ۋە يۇلياغا، نېرىي ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلار بىلەن دائىم جەم بولىدىغان بارلىق ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 16 بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. بۇ يەردىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ھەممە جامائەتچىلىكتىن سىلەرگە سالام. ئاخىرقى نەسىھەت 17 قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە زىت تەلىم بېرىش بىلەن، ئاراڭلاردا بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن يىراقلىشىڭلار. 18 بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ. 19 سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ئىتائەتمەن ئىكەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا، سىلەردىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. بىراق، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلاردىن خالىي بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. 20 ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا ئېزىدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي. 21 خىزمەتدىشىم تىموتىي ۋە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكى، ياسۇن ھەم سوسىپاتېرلاردىن سىلەرگە سالام. 22 (مەنكى ئۇشبۇ خەتنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە يېزىپ بېرىۋاتقان تېرتىيمۇ رەببىمىز يولىدا سىلەرگە سالام يوللايمەن.) 23 مەنكى پاۋلۇسقا ۋە ئۆز ئۆيىدە جەم بولىدىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراست ۋە قېرىندىشىمىز كۋارتلاردىن سىلەرگە سالام. } 24 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي، ئامىن!{ دۇئا ۋە مەدھىيە 25 بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! خۇدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر. 26 ئەمدى بۇ سىر خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغىنىدەك ئاشكارىلاندى ھەمدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەكتە. 27 بارلىق شان-شەرەپ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق دانا ۋە يېگانە خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti