Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ۋەھىيلەر 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان لەخمىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى.

2 ئۇ تېگى يوق ھاڭنى ئاچقاندا، ھاڭدىن يوغان ئوچاقنىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئېتىلىپ چىقتى. ھاڭنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە ئاسماننى قاراڭغۇلۇق باستى.

3 تۈتۈننىڭ ئىچىدىن يەر يۈزىگە چېكەتكە ياغدى. ئۇلارغا چايانلاردەك چېقىش كۈچى بېرىلگەنىدى.

4 چېكەتكىلەرگە يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرگە ۋە ھەرقانداق ئۆسۈملۈك ياكى دەل-دەرەخلەرگە ئەمەس، پەقەت پېشانىسىدە خۇدانىڭ مۆھرى بولمىغان ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزۈش بۇيرۇلغانىدى.

5 ئۇلارغا بۇ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس، پەقەت بەش ئاي مۇددەتلىك قىيىن-قىستاققا ئېلىش بۇيرۇقىلا بېرىلگەنىدى. بۇ قىيىن-قىستاق چايان ئادەمنى چاققان ۋاقىتتىكى قاتتىق ئاغرىق ئازابىغا ئوخشايتتى.

6 ئۇ كۈنلەردە، ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ؛ ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ.

7 چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى.

8 چاچلىرى ئاياللارنىڭ چېچىغا، چىشلىرى شىرنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى.

9 كۆكرەكلىرى تۆمۈر ساۋۇتلارغا ئوخشايتتى. قاناتلىرىنىڭ ئاۋازى جەڭگە ئاتلانغان نۇرغۇن ئات-ھارۋىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى.

10 چايانلارنىڭكىگە ئوخشاش چاقىدىغان قۇيرۇقلىرى بار ئىدى. قۇيرۇقلىرىدىكى زەھەرلىك نەشتىرىدە ئادەمنى بەش ئاي ئازابقا سالغۇدەك كۈچ بار ئىدى.

11 ئۇلارنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى ئىدى. بۇ پەرىشتىنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون، يەنى ھالاك قىلغۇچى ئىدى.

12 بىرىنچى بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى بالايىئاپەت كېلىدۇ.

13 ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.

14 بۇ ئاۋاز ئالتىنچى پەرىشتىگە: «چوڭ فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات» دېدى.

15 دەل شۇ يىل، شۇ ئاي، شۇ كۈن ۋە شۇ سائەت ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى.

16 بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

17 غايىبانە ئالامەتتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئاتلىقلار مانا مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرەك قالقانلىرى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىغا ئوخشايتتى. ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت پۈركۈلەتتى.

18 ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى بۇلارنىڭ ئاغزىدىن پۈركۈلگەن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاپەتتىن ئۆلدى.

19 ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى.

20 قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئامان قالغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىدى. جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى.

21 ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan