ۋەھىيلەر 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقوزىنىڭ يەتتىنچى پېچەتنى ئېچىشى 1 قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. 2 ئاندىن، خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى. 3 ئالتۇن ئىسرىقدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىدا خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە ئاتاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆپ ئىسرىق بېرىلدى. 4 ئىسرىقتىن چىققان تۈتۈنلەر بىلەن مۇقەددەس خەلقنىڭ دۇئالىرى پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى. 5 ئاندىن، پەرىشتە ئىسرىقداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى. ئۇ چاغدا، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. چاقماقلار چېقىپ، يەر-زېمىن تەۋرەندى. پەرىشتىلەرنىڭ كاناي چېلىشى 6 ئاندىن كېيىن، قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى. 7 بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، مۆلدۈر بىلەن ئوت قانغا ئارىلاشقان ھالدا ياغدۇرۇلدى. زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى. 8 ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، گويا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان چوڭ بىر تاغدەك غايەت زور بىر جىسىم دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى. 9 دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى ۋە كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى. 10 ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. 11 بۇ يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «قېرىق» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قېرىق بولۇپ كېتىپ، بۇ سۇنى ئىچكەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. 12 تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى زەربىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆچتى. كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى. 13 يەنە قارىۋىدىم، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «باشقا ئۈچ پەرىشتە چالىدىغان كاناي ئاۋازلىرىنىڭ دەستىدىن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti