ۋەھىيلەر 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقوزىنىڭ ئالتە پېچەتنى ئېچىشى 1 ئاندىن، قوزىنىڭ يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا، تۆت تىرىك مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 2 قارىۋىدىم، بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ساداق بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى. 3 قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 4 ئۇ چاغدا، يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى. 5 قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر قارا ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. 6 تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: «بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن پەقەت بىر تاۋاق بۇغداي ياكى بولمىسا ئۈچ تاۋاق ئارپىلا بېرىلىدۇ. زەيتۇن دەرىخى بىلەن ئۈزۈم تېلىغا تەگمە!» دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 7 قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. 8 قارىۋىدىم، بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆلۈكلەر دىيارى ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى. 9 قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تېگىدە كۆردۈم. 10 ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى. 11 ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلگەن بولۇپ، خۇداغا خىزمەت قىلغان، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت كۈتۈشى تەلەپ قىلىنغانىدى. 12 ئاندىن، قوزىنىڭ ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا، زېمىن قاتتىق تەۋرىنىپ، قۇياش بەئەينى قاپقارا كۆمۈرنىڭ، ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى. 13 ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن توڭ ئەنجۈرلەر يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى. 14 ئاسمان خۇددى ئورام يازمىدەك ئورىلىپ غايىب بولدى، پۈتكۈل تاغلار ۋە ئاراللار ئورنىدىن يۆتكەلدى. 15 دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. 16 ئۇلار تاغ-داۋانلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: «ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ۋە قوزىنىڭ غەزىپىدىن توسۇپ قېلىڭلار! 17 چۈنكى، ئۇلارنىڭ غەزىپى تۇتقان دەھشەتلىك كۈن كەلدى. ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti