Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ۋەھىيلەر 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

1 - ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ:

2 سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، تىرىشچانلىقىڭنى، سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، ئەلچى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەلچى، دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.

3 شۇنداق، سەن سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەردىڭ ۋە ھارمىدىڭ.

4 لېكىن ساڭا بىر ئېتىرازىم باركى، ئۇ بولسىمۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭ دەسلەپكىدىن سۇسلاشتى.

5 شۇنىڭ ئۈچۈن، قانچىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭغا نەزەر سال! توۋا قىل ۋە دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈر. ئەگەر توۋا قىلمىساڭ، مەن كېلىپ چىراغدىنىڭنى ئورنىدىن ئېلىپ كېتىمەن.

6 بىراق، سېنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، ئۇ بولسىمۇ، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلەندىڭ.

7 مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»


ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

8 - ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«تۇنجى ۋە ئاخىرقى، ئۆلۈپ تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ:

9 سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر.

10 كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.

11 مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ.»


پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

12 - پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ:

13 سېنىڭ شەيتاننىڭ تەختى ئورۇنلاشقان يەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمغا سادىق بولۇپ كەلدىڭ. ھەتتا ئاراڭدىكى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىم ئانتىپا مۇشۇ شەيتاننىڭ ماكانىدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭنى ئىنكار قىلمىدىڭ.

14 لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى.

15 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەرمۇ بار.

16 شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل. ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا دەرھال بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن ساڭا زەربە بېرىمەن.

17 مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.»


تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

18 - تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«خۇدانىڭ كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ:

19 سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجرىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. ھازىرقى ئەمەلىيىتىڭنىڭ دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن.

20 لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.

21 مەن ئۇنىڭ توۋا قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىقىغا توۋا قىلىشنى خالىمىدى.

22 ئەمدى ئۇنى ئېغىر كېسەل قىلىپ ياتقۇزۇۋېتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا قىلىمەن.

23 ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.

24-25 لېكىن، تىياتىرادىكى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان ۋە شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»~نى ئۆگەنمىگەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ ساقلاڭلار. سىلەرگە بۇنىڭدىن باشقا تەلەپ قويمايمەن.

26 كىم غەلىبە قىلسا، يەنى ئەمرلىرىمگە ئاخىرغىچە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا پۈتكۈل خەلقلەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.

27 مانا بۇ، ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر. زەبۇردا يېزىلغاندەك: «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ.»

28 غەلىبە قىلغۇچىلارغا يەنە تاڭ يۇلتۇزىنى ئاتا قىلىمەن.

29 مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan