Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ۋەھىيلەر 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە چىنە

1 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە چىنىدىكىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

2 بىرىنچى پەرىشتە بېرىپ چىنىدىكىنى قۇرۇقلۇققا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنىڭ بەدىنىنى يىرگىنچلىك يىرىڭلىق يارىلار قاپلاپ كەتتى.

3 ئىككىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى. دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى.

4 ئۈچىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارغا تۆكتى. ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى.

5 ئاندىن، سۇ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان مۇقەددەس خۇدا! چىقارغان ھۆكۈملىرىڭ دۇرۇس ۋە ئادىلدۇر.

6 يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»

7 يەنە قۇربانلىق سۇپىسىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ: «ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

8 تۆتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ يۈزىگە تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوتتەك قىزىقى بىلەن ئۆرتەش قۇدرىتى بېرىلدى.

9 ئىنسانلار دەھشەتلىك ئىسسىقتا ئۆرتەلدى. بىراق، ئۇلار توۋا قىلىش ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنى قارغاشتى.

10 بەشىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى. دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى. ئىنسانلار ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى.

11 ئۇلار ئاغرىق ئازابى ۋە يارىلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى قارغاشتى. بىراق، قىلمىشلىرىغا توۋا قىلىشمىدى.

12 ئالتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغا تۆكتى. شۇ ھامان دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. بۇنىڭ بىلەن، كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولى ئېچىلدى.

13 شۇنىڭدىن كېيىن، ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ يامان روھنى كۆردۈم.

14 بۇلار كارامەتلەر كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدىكى جەڭگە توپلاشقا كېتىۋاتاتتى.

15 ئەيسا مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك تۇيۇقسىز كېلىمەن. يالىڭاچ قېلىپ، نومۇسقا قالماسلىق ئۈچۈن، كىيىملىرىنى يېنىغا قويۇپ، سەگەك ياتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!»

16 ئۈچ يامان روھ پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە «ئارماگېدون» دېيىلىدىغان يەرگە توپلىدى.

17 يەتتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى. ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ تەختىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋاز: «ئىش تامام!» دېدى.

18 شۇ ئەسنادا چاقماقلار چېقىلدى، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. يەر-زېمىن شۇنچىلىك تەۋرەندىكى، ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى بۇنداق قاتتىق تەۋرىنىش بولمىغانىدى.

19 كاتتا شەھەر بابىل ئۈچكە بۆلۈندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى. شۇ كاتتا شەھەر بابىلدىن ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى.

20 پۈتۈن ئاراللار غايىب بولدى، تاغلار يوقالدى.

21 ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى قىرىق بەش كىلو چامىسىدا كېلىدىغان مۆلدۈر ياغدى. بۇ مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق قورقۇنچلۇق بولدىكى، ئىنسانلار بۇ بالايىئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى قارغاشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan