ۋەھىيلەر 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرىشتىلەر ۋە كېيىنكى بالايىئاپەتلەر 1 ئاسماندا زور ھەم ھەيران قالارلىق يەنە بىر كارامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. خۇدانىڭ غەزىپى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى. 2 مەن يەنە ئوت ئارىلاش خرۇستال دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا دىۋە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلار، يەنى دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان ھەم ئۇنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەقەم بىلەن مۆھۈرلەنمىگەنلەر تۇراتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، 3 ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر. 4 ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار، نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟ چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن. كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر، ساڭا سەجدە قىلغۇسى. چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.» 5 ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ، يەنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆردۈم. 6 يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز ھەم پارقىراپ تۇرىدىغان كەندىر رەختتىن تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. 7 تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. 8 ئىبادەتخانا خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى تامام بولمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti