Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ۋەھىيلەر 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


دېڭىزدىن چىققان دىۋە

1 ئاندىن، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا كۇپۇرلۇق كەلتۈرىدىغان ئىبارە يېزىلغانىدى.

2 مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا دىۋىگە ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى.

3 دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتۈن دۇنيا ھەيرانلىق ئىچىدە دىۋىگە ئەگەشتى.

4 ئۇلار دىۋىگە بۇنداق ھوقۇق بەرگەن ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ، «دىۋىگە تەڭ كېلەلەيدىغانلار بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟» دېدى.

5 دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز ھەمدە 42 ئاي يۈرگۈزەلەيدىغان ھوقۇق بېرىلدى.

6 ئۇ خۇداغا، خۇدانىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، يەنى ئۇ يەردە ياشايدىغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچتى.

7 ئۇنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىشىگە يول قويۇلدى. ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى.

8 دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.

9 مۇنۇ سۆزنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار:

10 «خۇدانىڭ «تۇتقۇن بولىدۇ» دېگىنى چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ. خۇدانىڭ «قىلىچلىنىدۇ» دېگىنى چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى سەۋر قىلىشى، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى لازىم.


يەردىن چىققان دىۋە

11 ئۇنىڭدىن كېيىن، يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى.

12 ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان بىرىنچى دىۋىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلايتتى.

13 ئۇ چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى.

14 ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان كارامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنى ئازدۇردى. ئۇلارغا قىلىچ بىلەن چېپىلغان، لېكىن ئامان قالغان بىرىنچى دىۋىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر ھەيكەل تىكلەشنى بۇيرۇدى.

15 يەردىن چىققان دىۋىگە دېڭىزدىن چىققان دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە ھاياتلىق نەپىسى بېرىپ، ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش قۇدرىتى بېرىلدى.

16 ئۇ كاتتا ۋە ئەرزىمەس، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە بىر بەلگە ئۇرغۇزۇشقا مەجبۇرلىدى.

17 بۇ بەلگە بارلار، يەنى قولى ياكى پېشانىسىدە دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايتتى ياكى ساتالمايتتى.

18 بۇ يەردە بىر ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ، چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666 دۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan