ۋەھىيلەر 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 مەزكۇر كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسىدۇر. خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە بۇ ۋەھىينى چۈشۈردى. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق خىزمەتكارى يۇھانناغا ئايان قىلدى. 2 يۇھاننا خۇدانىڭ سۆزى - ئەيسا مەسىھ بەرگەن گۇۋاھلىققا، كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى. 3 بۇ ۋەھىيلەرنى ئوقۇپ بەرگەن ۋە ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر. يۇھاننانىڭ يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام يوللىشى 4 مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن، 5 سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى، 6 بىزنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇدانىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدى. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! 7 مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن! 8 پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.» تىرىلگەن مەسىھنىڭ يۇھانناغا كۆرۈنۈشى 9 مەن قېرىندىشىڭلار يۇھاننامەن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتكە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە سەۋر-تاقەتكە ئورتاقمىز. خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقىنى تارقاتقانلىقىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل پاتموس ئارىلىدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم. 10 رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 11 بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى. 12 ماڭا سۆزلىگۈچىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان 13 ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىدىكى تونى ئوشۇقىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى. 14 ئۇنىڭ چېچى ئاق يۇڭ ۋە قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. 15 پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى. 16 ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى چىڭقى چۈش ۋاقتىدىكى قۇياشتەك پارلاق ئىدى. 17 ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن. 18 ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا. 19 شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەنلىرىڭنى، يەنى ھازىر بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر. 20 يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتچىلىكتۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti